قەشقەر دۆلەتباغدا خىتاي پۇقرالىرىغا قايچا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى

قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ مەھەللىسىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر خىتاي پۇقراسىنى قايچا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ زەخىملەندۈرگەنلىك ۋەقەسى ئاشكارىلاندى.

0:00 / 0:00

تۈنۈگۈن بىر قىسىم غەيرىي رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قەشقەردە خىتاي ساقچىلىرىغا ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئىگىلەشلىرىدە مەزكۇر ۋەقەنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلانمىدى، ئەمما قەشقەر شەھىرىنىڭ دۆلەتباغ مەھەللىسىدە بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر خىتاي پۇقراسىنى قايچا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ زەخىملەندۈرگەنلىك ۋەقەسى ئاشكارىلاندى. ساقچى خادىملىرىنىڭ دەلىللىشىچە، ھۇجۇم مۇشۇ ئاينىڭ 3-كۈنى يەنى شەنبە كۈنى سائەت 11 دە يۈز بەرگەن.

قەشقەر دۆلەتباغدا يۈز بەرگەن قايچا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بىر نەپەر خىتاي پۇقراسى زەخىملەنگەن. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقە سادىر قىلغۇچى ۋە زەخىملەنگۈچىنىڭ كىملىكى ۋە شۇنداقلا ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى 5 كۈندىن بېرى ئاخباراتتىن يوشۇرۇن تۇتماقتا. بۈگۈنكى ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە ھۇجۇم قىلغۇچى، يوپۇرغىلىق 40 ياشلىق بىر ئۇيغۇر، ھۇجۇمغا ئۇچرىغۇچى بىر خىتاي پۇقراسى. قەشقەردە بۇ يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش كوچىدا كېتىۋاتقان خىتاي پۇقرالىرىغا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئالتە خىتاينى يارىلاندۇرغان. ئۇ ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغاندا ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلۈۋالغان. شۇنىڭدىن 4 كۈن كېيىن، يەنى 22-ئاپرېل كۈنى يەنە بىر نەپەر ئۇيغۇر ياش بىر خىتاي ئايالنى بوغۇزلاپ تاشلىغان. بۇ يىل يەنە 30- ۋە 31-ئىيۇل كۈنلىرى قەشقەر يېڭىبازار ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئون نەچچىلىگەن خىتاي پۇقراسى ئۆلگەن 50 دىن ئارتۇق خىتاي يارىدار بولغان. شەنبە كۈنى قەشقەر دۆلەتباغدا يۈز بەرگەن خىتاي پۇقراسىغا قايچا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى، قەشقەردە ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئەۋج ئالغان، بەزىدە يەككە، بەزىدە تەشكىلى شەكىلدە داۋام قىلىۋاتقان مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىچە تىنچىمايۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا.