ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قۇرغۇچىسى مەرھۇم قرال ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ نەجدە ۋە ھىجاز رايونلىرىدا ھاكىمىيەت سۈرگەن دەۋرلەردە سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى ئەلچىسى نەزىر تۇرياقۇلۇپنى ھىجاز رايونىغا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن ئىكەن. نەزىر تۇرياقۇلۇپ 1927 - يىلىدىن 1935 - يىللىرى ئارىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش كونسۇلى بولۇپ تۇرغان ئىكەن.
كىتابنىڭ مەزمۇنى
بۇ كىتاب 554 - بەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھازىرقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىر سۇئۇد ئەل فەيسەل بېغىشلىما يازغان. كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرسۇلتان نازاربايېف يازغان. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ھۆججەتلىك سۈرەتلەر ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى يازما ماتېرىياللارنى قازاقىستاننىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاھىر مەنسۇرۇۋ توپلىغان. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەرەبچە ماتېرىياللارنى ۋە چۈشەندۈرۈشلەرنى رۇسىيىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى دوكتۇر ماجىد ئىبنى ئابدۇلئەزىز تۈركى ئىشلىگەن. كىتابتا نەزىر تۇرياقۇلۇپنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، قىسقىچە تەرجىمىھالى ۋە ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستانى قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى 1927 - يىلى باشلىنىپ 1935 - يىلى ئاخىرلاشقان ئەرەب - روسىيە دىپلوماتىيە ئالاقىسى ۋەسىقىلىق ھۆججەتلەر بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
نەزىر تۇرياقۇلۇپنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى
نەزىر تۇرياقۇلۇپنىڭ مىللىتى قازاق بولۇپ، 1892 - يىلى ھازىرقى ئۆزبېكىستاننىڭ قوقەند شەھىرىدە، ھاللىق سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1914 - يىلى موسكۋادىكى سودا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا چۈشكەن. نەزىر تۇريا قۇلۇپ ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتلىغان 1917 - يىلى نىستتوتنىڭ 3 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدىلا سوۋېت سوتسىيالىستىك پارتىيىگە ئەزا بولۇپ، 1918 - يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە كىرگەن. ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇ ۋاقىتتىكى تۈركىستان رايونىدىكى كوممۇنىست پارتىيىسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ مۇدىرى بولغان ۋە سوۋېت كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇخارا خانلىقىنى ئۆرۈپ تاشلىشىدا بەلگىلىك خىزمەت كۆرسۈتۈپ، پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان.
تۇرياقۇلۇپ 1921 - ۋە 1922 - يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارام تۈركىستان ئاپتونوم رايونى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باشلىقى بولغان. 1923 - يىلى موسكۋاغا يۆتكىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى نەشرىيات ئىدارىسىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە موسكۋا شەرقشۇناسلىق ئىنىستېتوتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1927 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئەۋەتىلگەن تۇنجى باش ئەلچىسى بولغان.
نەزىر تۇرياقۇلۇپنىڭ ئۆلۈمى
نەزىر تۇرياقۇلۇپ قازاق خەلقىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدە يېتىشىپ چىققان تۇنجى پەرزەنتى بولۇپ، مول بىلىمى ۋە دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى سەۋىيىسى تۈپەيلى ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت كوممۇنىستلىرى ئۇنى يۇقىرى مەرتىبىلەرگە كۆتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن پايدىلانغان، ئەرەب يېرىم ئارىلى بىلەن ئالاقە باغلاش، شۇنداقلا ئەمدىلا قۇرۇلغان يېڭى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەرەبلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئىشلىرىدا نەزىر تۇرياقۇلۇپنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى بىلىمىدىن پايدىلانغان.
شۇنداقتىمۇ سوۋېت كوممۇنىستلىرى ھەر جاي ۋە ھەر زاماندىكى كوممۇنىستلارغا خاس قارا كۆڭۈللۈكى بىلەن نەزىر تۇرياقۇلۇپنى ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيەدىن مۇستەقىل ھالدا بۈيۈك تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان دېگەن تۆھمەت بىلەن قولغا ئېلىپ، 1937 - يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى "تۈركىستان رېسپۇبلىكىسى" نىڭ ۋەكىللىرى بولغان ئەھمەد باي تۇرسۇنوپ، تۇرار رىسقولۇپلار بىلەن بىرلىكتە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئىكەن.