قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى توپلىغان ئىئانە ئىنسان ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇشقا قارىتىلدى

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ياشلىرى مىللىي مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە ئۆرپ - ئادەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇشتىن تاشقىرى، ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي خىسلەتلىرىنى نامايىش قىلغان ھالدا خەيرىخاھلىق پائالىيەتلىرىنى يۈرگۈزۈشكىمۇ جىددىي كۆڭۈل بۆلمەكتە.

0:00 / 0:00


يېقىندا ئالماتادا ئۆتكەن خەيرىخاھلىق كونسېرتىدا ئۇيغۇر ياشلىرى، بۆرەك كېسىلىگە دۇچار بولغان 14 ياشلىق ئەزىز ھاشىروفنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۇيۇشتۇرۇلغان كونسېرتتىن چۈشكەن بارلىق پۇللارنى ئۇنىڭ ئانىسىغا تاپشۇرغان. بۇ پائالىيەتتە سۆزگە چىققان جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر ۋەكىللىرى، زىيالىيلار ياشلارنىڭ مۇنداق ئىشلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىنى ھەم مۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ياشلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك ھېس - تۇيغۇلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇر ياشلىرى بىرلىكىنىڭ كاتىپى زۆھرە مەمەتنىيازوۋا مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.