گوللاندىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى «بېيجىڭ خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى» گە بېرىش-بارماسلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
2011.06.30

مەلۇم بولۇشىچە، 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنگىچە خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە 4 كۈنلۈك، «بېيجىڭ خەلقئارالىق كىتاب يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ يەرمەنكىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نەشر قىلىنغان كىتابلار قويۇلىدىكەن. ھەم مەشھۇر كىتاب سودىگەرلىرى ۋە نەشرىياتچىلار قاتنىشىدىكەن. بۇ يىل كېلىدىغان مېھمانلار قاتارىدا گوللاندىيىدىن بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەرمۇ تەكلىپ قىلىنغان. بۇ ۋەكىللەر گوللاندىيىدىكى داڭلىق ژۇرنالىست، يازغۇچى ۋە نەشرىياتلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، خىتاي تەرەپ گوللاندىيە ۋەكىللىرىگە پەخرى مېھمانلىق شەرىپىنى بەرگەن. بۇ ھال بۇ يەردىكى ھەرساھە ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2011-يىلى 28-ئىيۇن گوللاندىيىنىڭ دەنھاخ شەھىرىدىكى بىر زالدا گوللاندىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى پەن نەدەرلاند بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، ھەرساھەدىكى قىزىققۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان 100 دىن ئارتۇق ئادەم «پۇلچرى» ستۇدىيىسى پۇلچرى ستۇدىو زالىغا جەم بولۇپ، «خىتاي بۈگۈن گوللاندىيىگە ئەركىنلىك ھەققىدە دەرس بېرىۋاتامدۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇنازىرە ئۇيۇشتۇردى.
مۇنازىرە ئالدى بىلەن جۇڭگوغا بېرىش-بارماسلىق ھەققىدە، ئاندىن بارىدىغان ۋەكىللەر دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىلىپ بېرىلدى. باشتىن ئاخىرى قىزغىن كەيپىياتتا ئىلمىي ۋە دەلىللىك تالاش-تارتىشلار بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە، شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7دىن 9 غىچە ئىككى سائەت داۋام قىلدى.
مۇنازىرىگە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان گېرمانىيىدىكى خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى يۈجاڭ مەخسۇس تەييارلاپ كەلگەن ھۆججەتلىك فىلىم ۋە سانلىق دوكلاتلار بىلەن خىتاينىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ساھەسىدىكى مۇھىم شەخسلىرىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبۇ، سەنئەتكار ئەي ۋېيۋېي قاتارلىقلاردىن باشقا ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇللارنىڭ يازغۇچى، ئەدىبلىرىدىنمۇ ئۆرنەكلەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن قانداق بېسىم ۋە تەھدىتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى، قايسىسىنىڭ نېمە سەۋەبتىن، نەدە ۋە قانچىلىك كېسىمگە ھۆكۈم قىلىنغانلىقى قاتارلىقلارنى ئاڭلاتتى ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايلارنىڭ كىتاب يەرمەنكىسىدىكى كۆز بويامچىلىقلىرىنى پاش قىلدى. تونۇشتۇرۇلغان ئەدىبلەر قاتارىدا بۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان ژۇرنالىست غەيرەت نىياز ۋە يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن قاتارلىقلارغىمۇ يەر بېرىلدى.
خىتايغا بارىدىغان ۋەكىللەردىن يازغۇچى ھەم شائىر رام سېي ناسىر، گوللاندىيىدىكى داڭلىق گۈزەل سەنئەت موزىيى ۋن گوغ ۋە مۈزە ماسداگ مۇزېيىنىڭ مۇدىرى رىك فان كۇتسىفەلد، مانون ئۇپھوف مانون ئۇپھوفف، يازغۇچى ۋە گوللاندىيە قەلەمكەشلىرى جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىسى مانون ئوپھوف خانىم ۋە «پۇلچىرى» ستۇدىيىسىنىڭ دىرېكتورى دىك بروڭېرس قاتارلىق خانىم-ئەپەندىلەر سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىدىن كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە قىلىندى.
مۇنازىرە ئىشتىراكچىلىرىدىن كۆپلىگەن كىشىلەر ئۆزلىرى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن ئۇلارنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان تۈرلۈك ساھەلەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر ۋە ئۇچۇرلارنى بەردى.
بۇ قېتىمقى كۆپ تەرەپلىمە ئەركىن مۇنازىرىدە ئاساسەن گەۋدىلەنگىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىيلىگەرلىكى، سۆزى بىلەن ئەمەلىيىتىنىڭ بىردەك بولماسلىقى، يوشۇرۇن غەرەزلىرى ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدىغانلىقىدەك رەزىللىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلار بىر قەدەر ئېغىر سالماقنى ئىگىلىدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىقتىسادى يۈكسەكلىكى بىلەن ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىدىكى يولسىزلىقلىرىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنمىدى. بولۇپمۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەجۋى سوۋغا-«خىتاي پاسپورتى» ناملىق كىتاب ئالاھىدە تەسىر قىلارلىق بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى بېتىگە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋىزىسى بېسىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ يازغۇچى، ئەدىب، سەنئەتكار، جامائەت ئەربابى قاتارلىق پىكىر ئىگىلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى جانلىق ۋە دەلىل-ئىسپاتلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر يازغۇچىسى نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە ئۇنىڭ ياۋا كەپتەر ناملىق ئەسىرى ھەققىدە ئۇچۇرلارمۇ بېرىلگەن ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى دائىرىسىدىكى چەكلەنگەن ۋە قەستلەنگەن مەزمۇنلار ھەققىدە ئەسكەرتىشلەر بېرىلگەن بولۇپ، «شۇ ئىشلارنى قوبۇل قىلساڭ خىتايغا بېرىپ كەلسەڭ بولىدۇ» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلىگەن.
بىز مۇنازىرە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يېغىن رىياسەتچىسى فرېنك فن دېر لىندېن ئەپەندىنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق. ئۇ بۇ قېتىملىق مۇنازىرىدىن ئالغان تەسىراتىنى بايان قىلىپ: مەن خىتاي رەئىسى ئەمەس، بەلكى، بۇ يىغىننىڭ رىياسەتچىسى. مەن بۇ بېيجىڭ كىتاب يەرمەنكىسىگە بېرىشنىڭ توغرا خاتالىق ئۈستىدە شۇنچە ئوچۇق-يورۇق مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغىنىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. ھەممەيلەن بۇ يەرمەنكىگە بېرىشنىڭ توغرىلىقىنى ماقۇللىدى. ھالبۇكى بۇ يەردىكى توغرۇلۇق؛ ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ كىتابلىرىمىزنى كۆرگەزمە قىلىپلا قايتامدۇق ياكى باشقا ئىشلارنىمۇ قىلامدۇق؟ يەنى خىتاي خەلقى ۋە خىتايدىكى يازغۇچىلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشامدۇق؟ مەسىلەن: ئۆز ئۆيىدە نەزەر بەند قىلىنغان ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشۈشكە تېرىشچانلىق كۆرسىتەمدۇق؟ دېگەندەك مەسىلىلەرگە باغلىق. بەزى يازغۇچىلىرىمىزدا شۇنداق جۈرئەت بار. لېكىن بىزنىڭ بەزى يازغۇچى-مۇخبىرلىرىمىزدا ساددىلىقمۇ بار. ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ يازغۇچى-مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇ يەردىكىلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىغا چەك قويۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ تەشۋىقات ماشىنىسى بۇنى سەزگۈرلۈك بىلەن كونترول قىلىدۇ. شۇڭا گوللاندىيە يازغۇچىلار ئۆمىكى ئۆزلىرى بىلەن خىتايدىكى بۇ خىل ئىشلارنى بىلىدىغان ئادەملەرنى يەنى خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنى بىرگە ئېلىپ بېرىشى كېرەك. ئەگەر بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەييارلىق كۆرمەي بىزگە ئوخشاش تۇنجى قېتىم بارسىڭىز خىتاينىڭ تەشۋىقات ماشىنىلىرىغا يەم بولۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، دېدى.
بىز يەنە، بۇ مۇنازىرىنىڭ تەكلىپلىك مېھمانلىرىدىن بەختىيار ناسىر ۋە غەيرەتجان روزى ئەپەندىلەرنى زىيارەت قىلدۇق.