دوكلاتتا، خىتاينىڭ مەھبۇبە ئابلەشنى قولغا ئېلىش بىلەن خەلقئارا كىشىلىك ۋە سىياسى ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ 19 - ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى ۋە خىتاينىڭ مەزكۇر ئەھدىنامىگە قول قويغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
مەھبۇبە ئابلەش ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلغان تەنقىدىي ماقالىسى سەۋەبلىك 8 - ئاينىڭ بېشىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەت مەھبۇبە ئابلەشنىڭ تەقدىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا، خىتاي تەرەپ بولسا مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۆتكەن ئايدا جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ كولۇمبىيە جۇمھۇرىيىتىدە 74 - قېتىملىق ئومۇميىغىنى ئاچقان، يىغىندا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى تۇتقۇن مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە دوكلات سۇنغان، قۇرۇلتاي مەھبۇبە ئابلەش ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقارغان ئىدى. بۇ قارارغا ئاساسەن نۆۋەتتە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى پائالىيىتىنى باشلىدى. خىتايدىكى بوشۈن تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ تۈرمىدىكى قەلەمكەشلەر كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە يەنە بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا، خىتاينىڭ مەھبۇبە ئابلەشنى دەرھال قويۇۋېتىشى ۋە ياكى مەھبۇبە ئابلەشنىڭ ئادۋوكات تۇتۇپ ئۆزىنى ئاقلىشىغا ئادىل پۇرسەت بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ باش كاتىبى قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزى مەھبۇبە ئابلەشكە ئادۋوكات تۇتۇش ئۈچۈن 1000 ياۋرۇ پۇل ئاجراتقان، ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزى نۆۋەتتە مەھبۇبە ئابلەشكە ئادۋوكات تېپىشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتە.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ ب د ت غا يوللىغان دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان خەلقئارالىق ئەھدىنامىدا مۇنۇلار بىلدۈرۈلگەن: " بۇ ئەھدىنامىگە قول قويغان دۆلەتلەر پۇقرالارنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىن ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن ئەركىن ئۇچۇر ئىگىلەش، ئەركىن پىكىر بايان قىلىش، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى مەيلى يېزىق، مەيلى ئاغزاكى بولسۇن ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ."
خىتاي مانا بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويغان دۆلەتلەردىن بىرىدۇر. خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى يەنە، ئۆز ئەزالىرىنىڭ ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ، خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرىگە، مەھبۇبە ئابلەشنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىپ ئوچۇق مەكتۇپ يېزىشقا، مەكتۇپنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇشقا چاقىرغان.
قەيسەر ئابدۇرۇسۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خەلقئارا قەلەم مەركىزىنىڭ ب د ت غا يوللىغان دوكلاتىدا، مەھبۇبە ئابلەشتىن باشقا يەنە توختى مۇزات، نۇرمۇھەممەت ياسىن، ئابدۇغېنى مەمتىمىن قاتارلىق ئۇيغۇر قەلەمكەشلەرنىڭ ھەقسىزلىققا ئۇچرىغانلىقى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلغان. مەھبۇبە ئابلەش مەسىلىسى نۆۋەتتە خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر قەلەمكەشلەر مەركىزىنىڭ خىزمەت كۈن تەرتىپىدە ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن.