قەشقەرلىك ئۇيغۇر: ئۇلار تېررورچى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار
2011.08.09
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى چىقىپ، ئوي كۆچۈرۈش جەريانىدا كۆپلىگەن ناھەقچىلىكلەر سادىر بولغان. ھەتتا بەزى ئۇيغۇرلار قەشقەردىن بېيجىڭغىچە ئەرز قىلىپ بېرىپ دەۋا قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىسى بولمىغان.
7-ئاينىڭ ئاخىرى قەشقەردە ئىككى قېتىم ۋەقە چىققاندىن كېيىن، غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر رايونىغا قايتا تىكىلدى. بۇ جەرياندا قەشقەرگە بارغان بەزى غەرب مۇخبىرلىرى قەشقەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۆيى دائىرىلەر تەرىپىدىن چېقىلىپ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئوبۇل قاسىم بۇ ئۇيغۇرلاردىن بىرىدۇر.
ئوبۇل قاسىمنىڭ رويتېرستا بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى قەدىمىي قەشقەرنى چېقىپ، ئاھالە كۆچۈرگەندە ئۇنىڭ 100 يىللىق تارىخقا ئىگە ئۆيى مەجبۇرىي چېقىلغان. 2004-يىلى ئوبۇل قاسىم دائىرىلەرنىڭ دېگىنىگە كۆنمەي كۆچۈشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، قولىغا كويزا سېلىنىپ، ساقچىخانىغا قامالغان.
تىركىشىپ ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن ئوبۇل قاسىم 2005-ۋە 2007-يىللىرى بېيجىڭغا بېرىپ، ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئاقتۇرالمىغان. ئەكسىچە، يەرلىك دائىرىلەر ئۇنى بېيجىڭدا تۇتۇپ قەشقەرگە قايتۇرۇپ كەلگەن.
ئوبۇل قاسىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ 510 كۋادرات مېتىرلىق ئۆيىنى ھەر بىر كۋادرات مېتىرىغا 470 يۈەندىن بېرىپ، مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈۋالغان، ئەمما خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە بىنا ئۆينىڭ ھەر كۋادرات مېتىرى 30 مىڭ يۈەنگە توختايدىكەن.
ئوبۇل قاسىم مۇنداق دېگەن: ئۆي مەسىلىسىنى ئويلىساملا؛ ئاچچىقىم كېلىپ ئولتۇرالماي قالىمەن، ھېچقانداق ئىدارە دەردىمگە قۇلاق سالمىدى، ھەتتا داداممۇ ئاچچىقتىن يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلۈپ كەتتى.
خەۋەرگە قارىغاندا، قەشقەردە ئۆي چېقىلغان مەزگىلدە باشقىلارمۇ ئوبۇل قاسىمدەك قىسمەتكە دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ بىرى بۇ يىل 97 ياشلىق غوپۇر ھاجى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇنىڭ 100 كۋادرات مېتىرلىق ئويىنى تارتىۋېلىپ، ئورنىغا 80 كۋادرات مېتىرلىق ئۆي بەرگەن، ئەمما ئۇ بۇنىڭغا قەتئىي رازى ئەمەس ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: ھەقىقىي كوممۇنىستىك پارتىيە خەلققە ياردەم قىلىدۇ. بۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ساختا. ئۇلار پەقەت يانچۇق تولدۇرۇش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇ.
ماقالىدە نەقىل قىلىشىچە، بۇ ھەقتە توختالغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى ئاسىيا تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكولىن قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىنى چېقىش قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختىلىپ: بۇنى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى ۋە مەدەنىي مىراسلىرىنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىش غەرىزىنىڭ تىپىك مىسالى دەپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ، دېگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغانلىقى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
بۇ ھەقتە توختالغان نىكولاس بىكولىن ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كېتەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇيغۇر ئېلىغا سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەر ۋە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ھەققىدە توختالغان ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى جورۇ گىلادنىي: ئۇيغۇرلار بۇ سىياسەتتىن ھەقىقەتەن بىئارام بولماقتا. خىتاي دائىرىلىرى بۇ رايوننى خىتايلار بىلەن توشقۇزۇپ، خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا پۇلىنى كۆپەيتىپلا بۇ يەردىكى مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزدىن يوقاتماقچى بولغان، ئەمما ھازىر بۇ كارغا كەلمەيۋاتىدۇ، دېگەن.
رويتېرس مۇخبىرى قەشقەرنى ئايلىنىش جەريانىدا قەشقەرگە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەنمۇ سۆزلەشكەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەسلى سىچۈەنلىك بىر خىتاي تاكسىچى: ئۇلار بىزگە قارىغاندا، يۈرىكىدە بىزگە چوڭقۇر ئۆچمەنلىك بارلىقىنى سېزىمەن، دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 18-ئىيۇل خوتەندە يۈز بەرگەن «ناۋاغ ۋەقەسى» ۋە 30، 31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن بىر قاتار ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى پەقەت «ئاز بىر ئوچۇم ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەرەققىياتتىن رازى بولماي سادىر قىلغان ھەرىكىتى» ياكى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
مۇخبىر ئاخىرىدا قەشقەردىكى ئۇيغۇرلاردىن، خىتاي ھۆكۈمىتى 30، 31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى دۆڭگىگەن-شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتى ھەققىدە سوئاللارنى سورىغان.
بۇ ھەقتە توختالغان ئەمما، ھەر ئىشقا ئېھتىمال ئۆزىنى يوشۇرۇن تۇتقان بىر 40 ياشلىق ئۇيغۇر ئىمام، شەرقىي تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەسىرى زور ئەمەسلىكىنى ھەمدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇلارنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قەشقەردە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلار ھەققىدە توختالغان ئوبۇل قاسىم: ئۇلار تېررورچى ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار. ئەگەر ھەل قىلالمىغان بولسا ئامالسىز قىلغاندۇ بەلكىم.
ئۇ يەنە «شىنجاڭ مۇستەقىل بولۇشى كېرەكمۇ» دېگەن سوئالغا: سىزگە بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلمەيمەن. ھازىر تامنىڭمۇ قۇلىقى بار. ئەگەر ئەقىللىق بولسىڭىز، مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى بىلىۋالالايسىز، دەپ گېپىنى ئاخىرلاشتۇرغان.