دۇنيا مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداپ قېلىشنى تەلەپ قىلدى
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.05.04
2012.05.04

AFP Photo
ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولغان قەشقەردە 2000 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، شەھەرلىشىش تارىخىنىڭ ئابىدىسى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ كەلگەن قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «يەر تەۋرەشكە چىدامسىز خەتەرلىك ئۆيلەر» قاتارىدا ۋەيران قىلىنىشى خەلقئارا ئورگانلارنىڭمۇ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىماقتا. قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرى بۈگۈن خەلقئارا دۇنيا مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان ئاسىيا قىتەسىدىكى جىددىي قوغدىلىشقا تېگىشلىك ئون مۇھىم تارىخى مىراسنىڭ بىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. فىلىپپىن، كامبودژا، ھىندىستان ۋە پاكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم مۇھىم تارىخى مىراسلار بىلەن بىر قاتاردا ئورۇن ئالغان قەشقەر قەدىمىي شەھىرى «ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئون چوڭ مەرۋايىتنىڭ بىرى» دەپ ئاتالدى.
مەزكۇر فوندى جەمئىيەت، يۇقىرىدىكى قىممەتلىك تارىخى مىراسلار يۇقىرىدىكى ئەللەردىكى سىياسىي - ئىقتىسادىي ئامىللار، چېكىدىن ئاشقان ساياھەتچى ئېقىنى، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قالايمىقان كولاش، قاچاقچىلىق ۋە قوغداش تېخنىكىلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن يەر شارى يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ 10 تارىخى مىراسنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر ئېلىنمىغان تەقدىردە بۇ تارىخى مىراسلارنىڭ 10 يىلغا قالماي غايىپ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە بولغاندا قەشقەر قەدىمى شەھىرى 10 يىل ئەمەس، بەلكى ئالدىمىزدىكى 3 - 4 يىل ئىچىدىلا كۆزدىن غايىپ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى خىتاي دائىرىلىرى 2015 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا رايوندىكى بارلىق ئاھالىنى كۆچۈرۈپ، قۇرۇلۇشنى تاماملاپ بولۇشنى پىلان قىلماقتا. قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تەكلىپى 2008 - يىلى ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن، 2009 - يىلى قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونى بۇ خىزمەتنىڭ مەركىزى نوقتىسى قىلىنغان. 5 يىل ئىچىدە پۈتتۈرۈش پىلان قىلىنغان مەزكۇر ئۆزگەرتىش - چىقىش قۇرۇلۇشىغا 7 مىليارد يۈەن ئاجرىتىلغان.
خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى ئۆيلەر يەر تەۋرەشكە چىدامىسز بولغانلىقتىن، يەر تەۋرەشتە خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭ خەلققە پايدىلىق قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى تەشۋىق قىلسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇيغۇر ئىلى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلمەكتە.
يۇقىرىدىكىسى ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرى. ئۇ، مەدەنىي مىراسلارنىڭ زامانىۋىيلىشىشنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىشىنى دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىۋاتقان بىر ئەھۋال دەپ قاراشقا بولسىمۇ، ئەمما قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىشنىڭ خاراكتېرىنىڭ پەرقلىقلىقىنى، خىتاينىڭ ئىچىدە بولغان، ئەمما خىتاينىڭ مەدەنىيتىدىن تامامەن پەرقلىق بولغان بۇ ئۆزگىچە مەدەنىيەتنى قوغداپ قېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى. دەرۋەقە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى، شۇنداقلا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، 2011 - يىلى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى تارىخىي خاراكتېرلىك جىددىي قارارنامە ماقۇللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چېقىشنى توختىتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ياۋروپا پارلامېنتىدىكى يەتتە يۈز نەچچە كىشىلىك ئەزالارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللانغان قارارنامىدە يەنە، قەشقەردىكى ئۇيغۇر شەھەر ئاھالىسىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنى توختىتىش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قەشقەرنىڭ ب د ت دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
ئۇندىن ئىلگىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت فوندىنىڭ ئەزالىرى قەشقەرگە بېرىپ، قەشقەردىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ ھەقتە كۆرۈشكەن ۋە قەدىمىي ئۆيلەرنى چېقىش مەسىلىىسدە خەلقنىڭ نارازىلىقىنى نەزەرگە ئېلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.
سىتاتېستىكىلارغا قارىغاندا 2010 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگىچە جەمئىي 14 مىڭ ئائىلىلىك كۆچۈرۈلۈپ، 9000 غا يېقىن ئۆي چېقىلغان. پىلانغا ئاساسەن دائىرىلەر، 2011 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەنە 15 مىڭغا يېقىن ئائىلىنى مەزكۇر رايوندىن كۆچۈرۈپ بولۇشنى، 2015 - يىلىغىچە بۇ رايوندىكى بارلىق ئاھالىنى كۆچۈرۈپ بولۇش ۋە بۇ قۇرۇلۇشنى تاماملاپ بولۇشنى پىلان قىلماقتا. پىلان ئىشقا ئاشقان تەقدىردە بۇ، قەشقەر قەدىمىي شەھەر رايونىدىكى 65 مىڭ ئائىلىلىك جۈملىدىن 220 مىڭدىن ئوشۇق ئۇيغۇرنىڭ، ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئۆي - ماكانلىرىدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى قەدىمىي مەدەنىيەتلەرنى قوغداشقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ھەرقانداق بىر كىشىنى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرماقتا.
چەتئەللەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى چېقىش قۇرۇلۇشىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى سۇسلاستۇرۇش ۋە ئۇلارنى تارقاقلاشتۈرۈش ئۈچۈن پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلۇش، دەپ قارايدۇ. ئەمما خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ چاقىرىقلىرىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ پىلان ھەققىدە ئوچۇق - ئاشكارا مەلۇمات بەرمەسلىكى، ئۇنىڭ دائىرىسىنىڭ قەيەرگىچە بولىدىغانلىقى، بۇ ئۆيلەرنىڭ ئورنىنىڭ كېيىن نېمە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمەسلىكىمۇ يۇقىرىدىكى گۇماننى كۈچلەندۈرۈۋاتقان ئامىللاردۇر.