خىتاي، 4 - ئاۋغۇست سەمەنيولى ۋەقەسىنىڭ 2 ھۇجۇمچىسىغا بەرگەن ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.04.09
2009.04.09
RFA Photo
مەزكۇر ھۆكۈم تۈنۈگۈن 8 - ئاپرىل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە ئىجرا قىلىنغان. ھۆكۈم ئىجرا قىلىنىشنىڭ ئالدىدا، قەشقەر شەھىرىدىكى دۆلەتباغ تەنتەربىيە زالىدا جازا ئىجرا قىلىش يىغىنى ئېچىلغان.
رويتېرس قاتارلىق چەتئەل ئاخبارات ئاگېنتلىقىلىرىنىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدىن نەقىل ئېلىپ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى جازا ئىجرا قىلىش يىغىنىغا، قەشقەر شەھىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچى ۋە ئاھالىلەر بولۇپ 4000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. ئەمما قەشقەر ۋەزىيىتىنى، جۈملىدىن ئابدۇراخمان ئازات بىلەن قۇربانجان ھېمىتنىڭ ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن ئابدۇرىشىت ھاجىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا ئاھالىلەر قاتناشتۇرۇلمىغان، پەقەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر قاتناشتۇرۇلغان ۋە ھۆكۈم كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئىجرا قىلىنغان.
ئابدۇرخھمان ئازات 34 ياش، قۇربانجان ھېمىت 29 ياش بولۇپ، ئۇلار ئۆتكەن يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يەنى ئولىمپىكتىن 4 كۈن ئاۋۋال، قەشقەردىكى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىپ 17 نەپەر خىتاي ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەن 16 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان ئىدى.
ھۇجۇمنى خىتاي تەرەپ تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىگەن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولسا، ئەركىنلىك كۈرىشى دەپ مەدھىيىلىگەن ئىدى.
دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسى نىكولاس باكولىن قاتارلىق مۇستەقىل تەتقىقاتچىلار ھۇجۇمدا ھېچقانداق بىگۇناھ خەلق زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى ئۈچۈن، ھۇجۇمنى تېررورلۇق ھەرىكىتى ئەمەس، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەركەت دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزدا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈستىدىمۇ ئالاھىدە توختالغان ئىدى. ئۇ شۇ قېتىمقى سۆزىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا راستىنلا تېررورلۇق تۈسىدىكى قارشىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بۇ ۋەقەلەردە مەسئۇلىيەتنىڭ ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلاردا ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئىلھام توختى شۇ قېتىمقى سۆزىدە 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى ئۈستىدىمۇ توختالغان؛ خىتاينىڭ تەرەپنىڭ مەزكۇر دېلونى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بارمايۋاتقانلىقى ۋە مەھكۇملارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇشىغا يول قويمايۋاتقانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىدا، رايوندىكى تەڭسىز سىياسەتنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا ، خىتاينىڭ بۇ قېتىم ، مەھكۇملارنىڭ ئادۋوكات تۇتۇشىغا يول قويمىغانلىقى، ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەنلىكى، جەسىتىنى ئائىلىسىگە قايتۇرمىغانلىقى قاتارلىق قىلمىشى بىلەن خەلقئارا قانۇن - تەرتىپلەرنى يەنە بىر قېتىم دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىگە قارشى ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئەيىبلىمەكتە، ئەمما ئۇيغۇر خەلقى خىتايغا قارشى ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەركىنلىك كۈرىشى دەپ قاراپ كەلمەكتە ۋە ھۇجۇمچىلارغا ھەر ۋاقىت ھېسداشلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا بىز سىلەرگە 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىنىڭ ھۇجۇمچىلىرى ئابدۇراخمان ئازات بىلەن قۇربانجان ھېمىت ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسلار ئاڭلاتتۇق.