چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرى
2011.08.11
جۈملىدىن تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى بۇ ھەقتىكى پىكىر، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نۆۋەتتە ئابدۇلئەزىز ئەپەندىنىڭ قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىر-قاراشلىرىغا دىققەت بېرەيلى.
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى 18-ئىيۇل خوتەندە، 30-، 31-ئىيۇل قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قاتناشقۇچىلار ھەققىدىكى پىكىر، قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۈگۈن قارشىلىق كۆرسىتىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلار ھەقلىق شەكىلدە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا، تىلى، دىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، مەدەنىيىتى قاتارلىق ئۆزىنىڭ ياشاپ كەلگەن مىللىي ئادەتلىرىدە، دىنىي ئىبادەتلىرىدە توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ۋە ئۇنىڭغا چىدىيالمىغاندىن كېيىن ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىققانلار.
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، ئۇيغۇرلار قانداق كۈنلەرگە دۇچ كەلدى دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ ئېلان قىلغان باياناتلىرىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۇپرىقى ئىشغال قىلىندى. تۇپراق ئىشغال قىلىنسا، مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنسا، ئۇنىڭ زېمىنىغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرسا، يېرىنى تارتىۋالسا، دىنىي ئېتىقادىغا ئەمەل قىلىشقا رۇخسەت قىلمىسا، ناماز ئوقۇشقا، روزا تۇتۇشقا، ھەج پائالىيىتى قىلىشقا رۇخسەت قىلمىسا، يېزىقىنى ئىشلىتەلمىسە، ئۆز تىلىدا سۆزلىيەلمىسە، مەدەنىيىتىنى ساقلىيالمىسا، تارىختىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۆز ئۆيىگە ئىگە بولالمىسا، ئايال ۋە بالا - چاقىلىرىغا ئىگە بولالمىسا، بىر مەھەلىدىن بىر مەھەلىگە بارالمىسا، پاسپورت ئالالمىسا، مەن چەتئەلگە بارىمەن دېگەن سۆزنى دېيىش ئوياقتا تۇرسۇن، خوتەندىن قەشقەرگە، قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە بارالمىسا، نۇرغۇن بالىلار ئۆز ۋەتىنىدە ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلىپ ۋەتەنسىز قالسا، مۇشۇنچىۋالا زۇلۇم بىر زالىم ھۆكۈمران تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلسا، بىز ئاجىز مەزلۇم بولغانلىقىمىز ئۈچۈنلا ئۇ زالىمنىڭ شۇنچىلا جىنايى قىلمىشلىرىغا، بىزنى يوق قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت شۇنچىلا خەۋپكە دۇچ كەلسەكمۇ، ئۇنىڭغا قارشى چىقماي جىم تۇرۇشىمىز لازىممۇ؟ دۇنيادا قۇل ۋە مۇستەملىكە بولمىغان مىللەت يوق، ئۇ قۇل بولۇپ قالغان ھالەتتە ئۆزىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن بىرگە ياشىغان. بۈگۈن خىتاي ئۇيغۇرلارنى يەرشارىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تىلىنى، يېزىقىنى، مەدەنىيىتىنى، شەھىرىنى، مىللىي ئالاھىدلىكىنىڭ ھەممىنى تۈزلەپ يوق قىلىۋېتىپ، ئۇ يەرگە خىتاينى يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. 16 ياشتىن 25 ياش ئارىسىدىكى قىزلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كەتسە، بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرساق تېررورچى بولساق، بىز نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىمىز بولمىسا، ياكى نامايىش قىلىش ئەركىنلىكىمىز بولمىسا، خاتالىقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ دەردىمىزنى ئېيتساق، ئۇنى سورايدىغان ئادەم يوق دېگەن ھامان، تېررورچى دەپ جازالىسا، بىز خىتاينىڭ بۇ زۇلۇمىغا، زوراۋانلىقىغا، ھەممىگە خوش- دەپ قول باغلاپ تۇرۇشىمىز كېرەكمۇ؟ ياكى ئىنسانلىق سۈپىتىمىز بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشىمىز لازىممۇ؟
ئابدۇلئەزىز ئەپەندى سۆزىدە، خىتايلارنىڭ قەشقەر،خوتەن، غۇلجا دېگەنگە ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شەھەر ئىسىملىرىنى توغرا شەكىلدە دېيەلمەي تۇرۇپ، ئۇ يەرنى ئۆزىنىڭ دەپ داۋا قىلىدىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە شەرقىي تۈركىستان خىتايلارنىڭ ئەمەس، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.