ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى بولغۇسى يوق

تېخى ئالدىنقى كۈنىلا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى گىزەللا داۋىس خانىم خىتايدىكى ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، گەرچە شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرىنىڭ خەۋپى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ يېتەرلىك تەييارلىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى، تېررورىستلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغانلىقىنى جاكارلاپ، خەلقئارانىڭ كۆڭلىنى تىنجىتماقچى بولغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻛﺮﻩﻡ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.05
saqchi-uyghur-tekshurush-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻟﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯘﺭﯗﺵ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺳﻮﺭﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo
 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە، خىتاي ۋە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ شىرىن چۈشلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ۋەقەنى ئۇيغۇر تېررورچىلار پەيدا قىلغان. لېكىن تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ قىلغان - قىلمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس.

قارشىلىق زۇلۇمنى مەنبە قىلىدۇ

ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان بەزى ئۇيغۇرلار، باستۇرۇشلار داۋاملاشسا، قىرغىن قىلىشلار داۋاملاشسا، تۇتقۇنلار ئۈزلۈكسىز داۋاملاشسا، قارشىلىقمۇ داۋاملىشىدۇ ۋە بەلكى تېخىمۇ يۇقىرى بىر پەللىگە كۆتۈرىلىدۇ. قەشقەردە يۈز بەرگەن ۋەقە، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس.

ھەر خىل قارشىلىق كۈچلىرىنىڭ ھەر يەردە، ھەر ۋاستىلەرگە تايىنىپ قىساس ئېلىش ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخباراتنى يۈكسەك دەرىجىدە قامال قىلغانلىقى سەۋەبلىك، بۇ ۋەقەلەرنى خەلقئارا جەمئىيەت بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

"دېمەك، ئۇيغۇرلار ھاياتكەن"

گېرمان زىيالىسى نىكولىنا خانىم مۇنداق دېدى: " راست گەپنى قىلسام، مەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي ئاۋازىنى تېخى ئەمدى ئېنىق ئاڭلاۋاتىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ھە دېسىلا تېررورلۇق بىلەن قارىلانغانلىقىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، ئۇلارنىڭ تېررورغا ئائىت ھەرىكەتلىرىدىن خەۋەر تاپمىغان ئىدىم. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلايتتىم. ئالدىنقى ھەپتىلەر يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۈگۈن يەنە ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قەشقەردە گرانات بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، 16 ئادەمنى ئۆلتۈرۈپتۇ، 16 ئادەمنى يارىلاندۇرۇپتۇ. دېمەك، ئۇيغۇرلار ھاياتكەن ۋە غايىلىرى يولىدا كۈرەش قىلىۋېتىپتۇ."

چارىسىز ئۇيغۇرلارنىڭ يولى

‏ - ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىرىنى تىرىلدۈرۈش، ساقلاپ قېلىش، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىش ۋە قوغداش، مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇتلەق كۈرەش قىلىشلىرى كېرەك، ‏ - دەيدۇ يەنە نىكولىنا خانىم، ‏ - تېررورلۇق گەرچە ئىنسانىيەتسىز قىلمىش بولسىمۇ، ئىنسانىيەتسىز زۇلۇمغا جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ياخشى قورالى.

باشقىلار ئۇيغۇرلار كۆرگەن كۈننى كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ھېچ چۈشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، خىتاي ئۇلارنى تېررورچى دىسە، راست ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان بولسا، تېررورچى بولۇشتىن ئىپتىخار ھېس قىلغان بولاتتى. ھېچكىمنىڭ تېررورچى بولغۇسى يوق دەپ ئويلايمەن. لېكىن مەجبۇرلانغاندا، ئىنسان ھەر نېمە بولۇشتىن باش تارتالمايدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ھاياتى كۈچى

گېرمان زىيالىسى جېننىي خانىم بۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: " ياشاش دېمەكلىك ‏ - كۈرەش دېمەكلىكتۇر. بۇنى بۈگۈن كىچىك بالىمۇ بىلىدۇ. مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۇنىڭ كۈرىشىگە باغلىق. كۈرەش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان مىللەتتە، ياشاش ئىقتىدارى بولمايدۇ. كۈرەشنىڭ يوللىرى ھەر خىل بولىدۇ. تامامەن تېنچلىق ۋاستىلىرىگە تايىنىپ غايىلىرىگە يېتەلىگەن بىرمۇ مىللەت يوق. شۇ سەۋەبلىك، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ ھاياتى كۈچى ‏ - قۇربان بېرىشنى خالايدىغان ۋە ئۆلتەرگەننى ئۆلتۈرەلەيدىغان، تىللىغاننى تىللىيالايدىغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرىدىن ئىبارەت."

بىزنىڭ بېشىمىزغا شۇنداق كۈن كەلگەندە

جېننىي خانىم يەنە مۇنداق دەيدۇ : "دۇنيادا تېررورچى مىللەت يوق. تېررورچى ئادەملەر بار. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تېررورچىلارنىڭ بولماسلىقى ھېچكىمنى ئىشەندۈرەلمەيدۇ. دۆلەت تېررورى مەۋجۇت بولغان يەردە، قارشىلىق ۋە تېگىشلىك جاۋاب بولمىسا، دۇنيا بۇ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىقمۇ قىلمايدۇ. ئەگەر بىز گېرمانلارنىڭ بېشىغا مۇشۇنداق كۈن كېلىپ قالغۇدەك بولسا، بىزمۇ ئوخشاش يولنى تاللىغان بولاتتۇق. مەنمۇ مۇشۇ مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ كۈرەش سېپىدىن ئورۇن ئالغان بولاتتىم."

ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەشۋىقات

گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنى بۈگۈن 4 - ئاۋغۇست ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر قاپلىدى. ت ۋ قاناللىرىدىن سىرت، گېزىت - ژۇرناللار ۋە ئىنتېرنېتلاردا مەزكۇر ۋەقە بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا ئائىت ھەر تۈرلۈك خەۋەرلەر، ئانالىزلار قايتىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ت ئى پ نىڭ باياناتى ئالدىنقى ھەپتە مانا شۇنداق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

خەۋەرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ 1949 - يىلىدىن بۇيان دۇچ كەلگەن ئېچىنارلىق قىسمەتلىرى تونۇشتۇرۇلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن تېخىمۇ كەسكىن ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.