'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئەڭ چوڭ تېررورچى'
تەيۋەندىكى جۇڭخۇا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ نەق مەيداندىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن تەيبېي شەھىرىدىكى ئەركىنلىك مەيدانىدا، شۇ جاينىڭ ۋاقتى بۇيىچە كەچ سائەت 7 دە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىگە ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان بىر چوڭ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ نامايىشقا مىنجىنداڭ پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سەي يىڭۋېن قاتناشقان.
نامايىشتا ئالدى بىلەن خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا تونۇلغان لىن باۋخۇا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللىغان. ئۇ سۆزىدە 'خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئەڭ چوڭ تېررورچى' دەپ كۆرسەتكەن ۋە 'نېمە ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر شىنجاڭنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن يەرلىك خەلققە قىرغىنچىلىق قىلىپ قانچىلىك ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلمايدۇ؟ ' سۇئال قويغان.
'بىزنى بۇ ماتەم مۇراسىمىغا ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەكەلدى'
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ قەشقەردىن خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەردە 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئىككى ئۇيغۇر 70 ساقچىغا ھۇجۇم قىلىپ 16 ساقچىنى ئۆلتۈرگەن ۋە 16 ساقچىنى يارىلاندۇرغان ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ۋەقەدە ئۆلگەن 16 ساقچى ئۈچۈن ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىككى مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ ئىچىدىكى 18 ياشلىق ئۇيغۇر ياش، مۇخبىرغا 'بىزنى بۇ ماتەم مۇراسىمىغا ھۆكۈمەت بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەكەلدى' دەپ چۈشەندۈرگەن.
'ئەگەر تېررورچى كۈچلەر يوقىتىلمىسا، دۆلەتكە تىنچ كۈن يوق'
خىتاينىڭ 'شىنخۇا تورى'نىڭ ئاشكارىلىشىچە، 4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىدە ئۆلگەن خىتاي ساقچىلىرى ئۈچۈن بۈگۈن قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن ماتەم مۇراسىمىدا، ۋەقەدە ئۆلگەن 16 خىتاي ساقچىسىغا 'ئىنقىلابىي قۇربان' دەپ نام بېرىلگەن. خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جۇ ۋەنيى بۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ 'ئەگەر تېررورچى كۈچلەر يوقىتىلمىسا، دۆلەتكە تىنچ كۈن يوق' دەپ جاكارلىغان.
بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى خۇددى 1936 - يىلىدىكى بېرلىن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ
'نيۇيورك تايمىس گېزىتى'دە ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا 'ھازىرقى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى خۇددى گېتلېر 1936 - يىلى بېرلىندا ئۆتكۈزگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا گېتلېر ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن پايدىلىنىپ ھىندى - ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئولىمپىكنى سىياسىيلاشتۇرغان ئىدى' دەپ بايان قىلىنغان.
'ھەپتىلىك خەۋەر ژۇرنىلى'دا ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا، 'ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى، ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتايدا پەيدا بولغان مىللىي زەئىپلىكتىن بۇيانقى چوڭ باش كۆتۈرۈش دەپ كۆرسىتىۋاتىدۇ،' دەپ بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇرلار گەرچە خىتايدا ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا بولۇشقا رازىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ياش ئەۋلادلىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرىدۇ
ئەنگلىيىدە چىقىدىغان 'مالىيە ۋاقىت گېزىتى' نىڭ 6 - ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان 'ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زومىگەرلىكىگە قىلغان رىقابىتى' دېگەن ئوبزورىدا، خۇددى خىتاي ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئېيتقاندەك، قەشقەردە بىر تاكسى شوپۇرى بىلەن يەنە بىر كۆكتات ساتقۇچىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇيغۇر 70 نەپەر خىتاي ساقچىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 16 نى ئۆلتۈرۈپ، 16 نى يارىلاندۇرغان بىر ۋەقە يۈز بەردى.
بۇنىڭدىن مەلۇمكى، گەرچە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي ئىمپراتورلۇقىدا ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك پۇقرا بولۇپ تۇرۇشقا رازى بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ راستچىل ياش ئەۋلادلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى پەيدىن - پەي ۋەيران قىلىشىغا قارشى تۇرىدۇ' دەپ بايان قىلىنغان.
خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇرلار بار جايلاردا جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان
مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە 'قەشقەردە ساقچىلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى چىش - تىرنىقىغىچە قوراللىنىپ، ئۈرۈمچىدىكى 129 كوچىنىڭ ھەممىسىدە چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. گۇاڭجۇ، شېنجېنلاردا بولسا، ئۇيغۇرلار بار جايلاردا 'گېلەم شەكىللىك' تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قولىدا كىملىكى يوق ياكى ئىشسىز ئۇيغۇرلارنى تۇتۇشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئالغان خىتايلارمۇ سوراققا قالدى. تىجارىتى بار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراشقا باشلىغانلىقىنى، ئۆزلىرىگە مالامەت كېلىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئۇيغۇرلار تۇرغان جايلىرىدىن كېتىشكە باشلىدى' دەپ بايان قىلىنغان.