4 ‏ - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار

ياۋروپادا چىقىدىغان 'غەرب شامىلى ژۇرنىلى'نىڭ تەھرىرى ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمى 8‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى ئەتىگەندە قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يولى كوچىسىدا يۈز بەرگەن خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ۋەقە ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئېنىقلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.08.05
qeshqer-hujum-meydani-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻫﯘﺟﯘﻡ ﻳﯜﺯﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪﻫﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻣﻪﻥ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

 ئۇ خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرى، چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى

ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ ئېنىقلىشىچە، 8‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى ئەتىگەندە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خىتاي ساقچىلىرى چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرى ئەمەس، ئۇ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى.

سەمەن يولىدا خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئۈچ ئادەم

ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ ئېنىقلىشىچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يولى كوچىسىدا چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىككى ئادەم ئەمەس، ئۈچ ئادەم.

ھازىر قەشقەردە ۋەزىيەت جىددىي

ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ ئېنىقلىشىچە، ھازىر قەشقەردە ۋەزىيەت جىددىي.

'قولىمىزدىن كەلگەن مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇق، يەنە نېمە قىلالايتتۇق'

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە يۈز بەرگەن مۇشۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بار بىر ئەمەلدارى، دۈشەنبە كۈنى كەچتە مۇخبىرلىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ ۋەقەنىڭ تېررورچىلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكىدە ۋە بۇنى شەرقىي تۈركىستانچىلار قىلغانلىقىدا شەك يوق، دېگەن. شۇنداقلا يەنە، ۋەقە ناھايىتى ئېچىنىشلىق، بۇنى قىلغانلار ئۇيغۇر، بىز قولىمىزدىن كەلگەن مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇق، يەنە نېمە قىلالايتتۇق، بۇنىڭغا ئامالىمىز بولمىدى، دېگەن. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.