ئۇ خىتاينىڭ چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرى، چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ ئېنىقلىشىچە، 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى ئەتىگەندە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان خىتاي ساقچىلىرى چېگرا مۇداپىئە ساقچىلىرى ئەمەس، ئۇ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىلىرى.
سەمەن يولىدا خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئۈچ ئادەم
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ ئېنىقلىشىچە، قەشقەر شەھىرىنىڭ سەمەن يولى كوچىسىدا چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىككى ئادەم ئەمەس، ئۈچ ئادەم.
ھازىر قەشقەردە ۋەزىيەت جىددىي
ھاجى ئابدۇرىشىت كېرىمىنىڭ ئېنىقلىشىچە، ھازىر قەشقەردە ۋەزىيەت جىددىي.
'قولىمىزدىن كەلگەن مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇق، يەنە نېمە قىلالايتتۇق'
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەردە يۈز بەرگەن مۇشۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بار بىر ئەمەلدارى، دۈشەنبە كۈنى كەچتە مۇخبىرلىرىمىزنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ ۋەقەنىڭ تېررورچىلىق ھۇجۇم ئىكەنلىكىدە ۋە بۇنى شەرقىي تۈركىستانچىلار قىلغانلىقىدا شەك يوق، دېگەن. شۇنداقلا يەنە، ۋەقە ناھايىتى ئېچىنىشلىق، بۇنى قىلغانلار ئۇيغۇر، بىز قولىمىزدىن كەلگەن مۇداپىئە تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدۇق، يەنە نېمە قىلالايتتۇق، بۇنىڭغا ئامالىمىز بولمىدى، دېگەن.