قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
ب د ت نىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ تەشكىلاتى تۈركىيىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2008 - يىلنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى، دەپ خاتىرىگە ئالغاندىن بېرى، بىر قىسىم ئەللەردە مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
-
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ
2008-12-16 -
-
-
9 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 5 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ 7 - ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﺰ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﯧﻨﺎﺗﻮ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ، "ﻣﻪﻫﻤﯘﺕ ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ" ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﻫﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﻪ ﺯﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo
Your browser doesn’t support HTML5 audio
14 - دېكابىر كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 11 - ئەسىردە ياشىغان مەزكۇر تىلشۇناس مۇتەپەككۇر مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلىگەن.
بېشكەك شەھىرىنىڭ ئالامىدىن 1 - مېكرو رايونىدىكى بىر كۇلۇبتا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ئۇيۇشتۇرىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.