قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ب د ت نىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ تەشكىلاتى تۈركىيىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 2008 ‏- يىلنى مەھمۇت قەشقىرى يىلى، دەپ خاتىرىگە ئالغاندىن بېرى، بىر قىسىم ئەللەردە مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.

0:00 / 0:00

14 ‏- دېكابىر كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار 11 ‏- ئەسىردە ياشىغان مەزكۇر تىلشۇناس مۇتەپەككۇر مەھمۇت قەشقىرىنى خاتىرىلىگەن.

بېشكەك شەھىرىنىڭ ئالامىدىن 1 ‏- مېكرو رايونىدىكى بىر كۇلۇبتا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىنى قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.