قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر نامايىشقا تەييارلانماقتا

قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ئەسقەر ئاقايېۋنى ئاغدۇرۇپ، يېڭى پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنى سايلىغان شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەن ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ
2008.12.02
kyrgyz-namayish-305.jpg ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻛﺘﯩﭽﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

لېكىن نۆۋەتتە، قىرغىزىستاندا خەلق تۇرمۇشى ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى ۋە پرېزىدېنتنىڭ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىغا ئۆز تۇغقانلىرىنى قويۇۋاتقانلىقى تەنقىد قىلىنماقتا.

ئەرك پارتىيىسى يېقىندا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھۆكۈمەتكە تەلەپ قويۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئالمىسا، نارازلىق نامايىشى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بىشكەكتىن مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.