بۇ يىل 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن ئېتنىك توقۇنۇشتا ئاساسلىقى ئۆزبېكلەر بولۇپ، نۇرغۇن كىشى ئۆلگەن، 2000 دىن ئارتۇق تۇرالغۇ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشى مۇساپىر بولغان ئىدى.
خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسى ICG بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا "بۇ ۋەقە قىرغىز ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشقا ئاجىز كەلگەنلىكىنىڭ روشەن ئىسپاتى" دەپ "ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ سەۋەب ۋە نەتىجىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كېچىكتۈرۈشى يېڭى بىر توقۇنۇشنىڭ كېلىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرماقتا" دەپ باھا بېرىدۇ.
ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، ۋەقە جەريانىدىكى بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق ۋە ئوت قويۇش ۋەقەلىرى قىرغىزىستاننىڭ ئەسلىدىلا ئاجىز بولغان ئىقتىسادىغا ئېغىر سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ كۆپ ئۆزبېك ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ سىرتقا ئېقىشىغا سەۋەبچى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئومۇمىي نازۇك ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ئىچكىرىلىگەن ھالدا تەسىر كۆرسىتىدىكەن.
دوكلاتتا قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇزۇن ھەم مۇشەققەتلىك ئىكەنلىكى، چۈنكى ئۇ يەردە ھېچقانداق ئىشەنچلىك خەۋپسىزلىك قوغداش قىسىملىرىنىڭ يوقلۇقى، شۇڭا خەلقئارالىق مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى، ۋەقەنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېرەكلىك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: "ئەگەر قىرغىز ھۆكۈمىتى قىرغىزىستان جەنۇبىدا كونترولنى كۈچەيتمىسە، قانلىق توقۇنۇشنىڭ قايتا سادىر بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئەمما، ھەممىدىن خەتەرلىك بولغىنى، قىرغىز ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى جەنۇبتىكى رايونلارنى ئىدارە قىلىش كۈچىنى يوقاتتى. بۇ رايون ئاللىقاچان زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتىنىڭ خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. ئەگەر ھۆكۈمەت رايوندىكى كۈچىنى يوقاتسا، خەۋپ تېخىمۇ چوڭىيىپ، بۇ يەر ئىسلام رادىكاللىرى قارشى ئېلىنىدىغان بىر يەرگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن."
گەرچە، قىرغىز ھۆكۈمىتى ۋەقەدىن رادىكال كۈچلەر ۋە ئىسلام مىللىتانلىرىنى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدا بىر قانچە خىل ئامىللار يەنى قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ قالدۇقلىرى، بەزى مۇھىم سىياسىي كىشىلەر ۋە شۇنداقلا زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتىگە ئوخشاش جىنايەت گۇرۇھلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە ئېتنىك توقۇنۇشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈچلەرنى خەلقئارالىق بىر كەسپىي تەكشۈرۈش بولماي تۇرۇپ ئېنىقلىغىلى بولمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
دوكلاتتا، "بۇ توقۇنۇش ھەرگىزمۇ بىردىنلا ئوتتۇرىغا چىققان ئەمەس، تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ سەۋەبىمۇ ھەرگىز ئىقتىسادىي ئەمەس، بەلكى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ئېتنىك سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان" دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇنىڭدا يەنە، ھازىرقى قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى ۋە خەلقئارا خەۋپسىزلىكنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ رايونغا كېلىپ ۋەزىيەتنى كونترول ئاستىغا ئېلىشىغا قەتئىي يول قويماي كېلىۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن بولۇپ، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭمۇ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكى، جەنۇبتىكى توقۇنۇش بولغان رايونلاردا قىرغىز مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچلىنىپ بېرىۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان قىرغىز مىللەتچىلىكى خاھىشىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن ۋە ۋەزىيەتكە قارىتا ئەگەر جىددىي تەدبىر ئېلىنمىغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئۇ يەردىكى باشقا ئېتنىك تەركىبلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: "بۇ قېتىملىق ئېتنىك توقۇنۇش ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى. ئەگەر مەسىلە ھەل قىلىنمايدىكەن، يەنە بىر قېتىملىق ئېتنىك توقۇنۇش 20 يىلدىن كېيىن ئەمەس، 5 يىلدىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ يەردە قوزغۇلۇۋاتقان زىيادە مىللەتچىلىك خاھىشى كونترول ئاستىغا ئېلىنمايدىكەن، يەنە بىر قېتىملىق ئېتنىك توقۇنۇش تېخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرەپ ئىسلامىي كۈچلەردىن مەدەت تىلىشى مۇمكىن. بۇ ئېتنىك توقۇنۇش رايوندىكى ئۇيغۇر، تاتار، رۇس ۋە تۇڭگانلار ئارىسىغىمۇ تارقىلىدۇ."
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، قىرغىز ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەكلىپ - پىكىرلەر سۇنۇلغان بولۇپ، قىرغىز ھۆكۈمىتىنىڭ جالالئاباد ۋە ئوشتا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ئۈستىدىن خەلقئارا تەكشۈرۈشكە يول قويۇشى، زىيادە مىللەتچى گۇرۇپپىلار ۋە يەرلىك سىياسەتچىلەرنىڭ كۈشكۈرتىشىگە قارشى كۈچلۈك بىر خەلق ئاۋازى يارىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋەقەگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە، رايوندىكى مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىنىشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە، قىرغىزىستاندىكى ساقچى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەرگە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر پىلان بويىچە ياردەم بېرىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.