تېكەبايېف سۆزىدە قىرغىزىستاننىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاتا ماكان پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئۆمۈربېك تېكەبايېف ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ئائىلىلەرنىڭ بارلىق ئۆكتىچى ھەرىكەتلەرنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ، "قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى ھەرىكەتلەر قىرغىزىستاننى كۆپ پارتىيىلىك، سىياسىي رىقابەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، دېموكراتىيىلىك بىر سىستېما بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بىر دۆلەت ھالىغا ئەكىلىشنى نىيەت قىلىدۇ،" دېگەن.
ئۆمۈربېك تېكەبايېف يېقىندا قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ھەققىدە توختىلىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇندا ئۆكتىچىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پارلامېنىتنى بىرلا پارتىيىنىڭ قولغا ئېلىۋېلىشىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ھازىرغىچە قىرغىزىستاندا سوت، ساقچى، سايلام كومىتېتى، ئەدلىيە ئورۇنلىرى ھەممىسى ھاكىمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، "بىز بۇ قېتىملىق ئىسلاھات ئارقىلىق بۇ ئورۇنلارنىڭ 3 تە بىر قىسمىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە تەرىپىدىن سايلىنىپ چىقىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، پادىشاھلىق تۈزۈمىدىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئۆتتۇق،" دېگەن.
ئۆمۈربېك تېكەبايېف رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدېفنىڭ قىرغىزىستاندا پارلامېنت تۈزۈمى ئۇزۇن مۇددەت داۋام قىلمايدۇ دېگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ سۆزگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . ئۇ، "قىرغىزىستاننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر جەمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىنغانلىقتىن، بۇ ئائىلىلەر ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ھازىرقى تۈزۈمنى ئۆزگەرتمەسلىك تەرەپدارى. بۇ دۆلەتلەردىكى خەلق يوقسۇل، بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك چەتئەل شىركەتلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ياكى دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقان شۇ كىشىلەرنىڭ قولىدا" دېگەن ۋە قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىش باسقۇچى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى فرانسۇز ئىنقىلابىغا ئوخشاتقان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: "قىرغىزىستاندا ھەقىقىي بىر دېموكراتىيىلىك تۈزۈم ئورنىتىلىپ، بۇ دۆلەت بىر ئائىلىنىڭ ئادالەتسىز باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلغاندىلا، قىرغىز خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى خەلقلەرگىمۇ ئۈلگە بولىدۇ. فرانسۇز ئىنقىلابىدا پادىشاھلارغا قارشى قوزغىلاڭ قىلغان خەلقلەرنىڭ ئىسيانى كېڭىيىپ باشقا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ئۇلارمۇ نەتىجىدە ئۆز پادىشاھلىرىنى ئۆرۈپ تاشلاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە ئۆتكەن ئىدى. قىرغىزىستانمۇ 2000 - يىللاردا بۇ باسقۇچنى باشتىن ئۆتكۈزدى."
ئۆمۈربېك تېكەبايېف سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، نۆۋەتتە قىرغىزىستاننىڭ ئالدىدا ئىككى قىيىنچىلىق بارلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ بىرىنچىسى، قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى خالىمايدىغان كۈچلەرنىڭ بولۇشى، ئىككىنچىسى بولسا، قىرغىزىستاننىڭ ھازىرقى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى.
ئۇ، قىرغىزىستاننىڭ ئەتراپىدىكى بەزى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ چېگرىسىنى ئىتىۋالغانلىقىنى، رۇسىيىدىن كېلىدىغان نېفىت باھاسىنىڭمۇ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىنى، قىرغىزىستاندىكى تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەتلىرىنى توختىتىپ باشقا ياقلارغا كېتىۋاتقانلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ ھازىر ناھايىتى قېيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ يەنە، مەيلى قانچىلىك قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر قىرغىزىستاننى دېموكراتىيىلىك، زامانىۋى بىر دۆلەت ھالىغا ئەكىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
قىرغىزىستان ئاتا ماكان پارتىيىسىنىڭ باشلىقى ئۆمۈربېك ئاتابايېف قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قۇرۇلغان تۇنجى سىياسىي پارتىيىنىڭ بىرى بولغان "ئەركىن قىرغىزىستان" پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. پارتىيىنىڭ ئىسمى 1994 - يىلى ھازىرقى "ئاتاماكان" غا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇ، 1995 - 2006 - يىللىرى ئارىسىدا پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 2006 - يىلى قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ پرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە پارلامېنت باشلىقى بولغان. ئەمما ئۇ قۇرمانبېك باقىيېف بىلەن كۆز قاراش پەرقى تۈپەيلىدىن چىقىشالماي ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.