قىرغىزىستان ھۆكۈمەت يىللىق يىغىنى

قىرغىزىستان بۇ يىل قىشتا دۇچ كېلىدىغان ئەڭ زور مەسىلە يېقىلغۇ ئېنېرگىيە مەسىلىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يېقىندا ئۆزبېكىستان قىرغىزىستاننى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

بۇ ئەھۋالدا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئېنېرگىيە نورما تۈزۈمى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باش مىنىستىر ئىگور چادىنوۋ، بۇ سىياسەتنى يېقىندا چاقىرىلغان پارلامېنت ئەزالىرى ، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە ھەر قايسى ئوبلاست باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا يەنە ، ئۇيغۇر دوختۇر يارمۇھەممەت ئابدۇلباقىيىف قاتارلىق كىشىلەر پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف تەرىپىدىن دۆلەت مۇكاپاتى بىلەن تارتۇقلاندى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام مەلۇمات بېرىدۇ.