يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭ شەھىرىگە كېلىپ ئەرز قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەرزدارلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. رادىئومىز تۈنۈگۈن نامەلۇم بىرەيلەن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، 2003-يىلى 26-مارت كۈنى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىق ھەم ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئەرلىرى ھەم بالىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، ھېچقانداق تۆلەمگە ئېرىشەلمىگەن تۇرسۇنگۈل، گۈلباھار، بۈسارە، مۇنەۋۋەر، ھۆرىگۈل، ئايشەمگۈل قاتارلىق 11 نەپەر ئۇيغۇر ئايال ھەم جۈرئەت ھاجى قاتارلىقلارنىڭ بېيجىڭدا ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆز يۇرتلىرىغا ئېلىپ كېتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.
ئەرزدارلاردىن تۇرسۇنگۈل خانىم قاتارلىقلار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ قېتىملىق ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزلىرى كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە ئەرز قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنگىچە ھېچقانداق تۆلەم پۇلغا ئېرىشەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۇرسۇنگۈل خانىم ۋەقەدىن كېيىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ۋەقەدە قازا قىلغان خىتاي تىجارەتچىلىرى بىلەن ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئەينى چاغدا ۋەقەدە قازا قىلغان 4 نەپەر خىتاي سودىگەرنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن بەرگەن 400 مىڭ يۈەن تۆلەم پۇلىغا ئېرىشكەندىن باشقا، ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، تۇل قالغان ئۇيغۇر ئاياللىرى بولسا، بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق تۆلەم پۇلغا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئەرز قىلىش جەريانىدا دائىرىلەر تەرىپىدىن ئالداش، تەھدىت سېلىش، پوپوزا قىلىش، قورقۇتۇش قاتارلىق مۇئامىلىلەرگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
تۇرسۇنگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇلارنىڭ 2-قېتىم بېيجىڭغا كېلىپ ئەرز قىلىشى بولۇپ، ئۇلار 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈۋېتىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئاتۇشلۇق ھەم قەشقەرلىك 11 نەپەر تىجارەتچىنىڭ تۇل قالغان ئاياللىرى ھەم ئانىلارغا ۋاكالىتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن تۆلەم پۇلى بېرىشنى تەلەپ قىلىپ بېيجىڭغا كەلگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەرزى قوبۇل قىلىنمايلا قالماستىن، نۆۋەتتە ئاتۇشتىن كەلگەن تۇرسۇنگۈل، گۈلباھار، جۈرئەت ھاجى قاتارلىق ئۈچەيلەن يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن قايتۇرۇلۇپ كېتىلىش ئالدىدا ئىكەن.
بۇ قېتىم بېيجىڭغا كەلگەن ئەرزدارلاردىن قەشقەردىن كەلگەن مۇنەۋۋەر خانىم، ئۆزلىرى بېيجىڭدا ئەرز قىلىش جەريانىدا، سالامەتلىكى ناچارلىشىپ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينالغاندىن باشقا، ھەر ۋاقىت يەرلىك دائىرىلەر ئەۋەتكەن ھۆكۈمەت خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلىش خەۋپى ئاستىدا، ئەرزىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تۇرسۇنگۈل خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ تۇل قالغان ئاياللىرى، يېتىم بالىلىرى، ياشانغان مەزگىلىدە بېقىمسىز قالغان ئاتا-ئانىلىرى 8 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق تۆلەم پۇلغا ھەم ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئېغىر غۇربەتچىلىك ئىچىدە كۈن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
مۇنەۋۋەر خانىم يەنە ئۆزى ھەم باشقا ئەرزدارلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلغانلىقىدەك بۇ خىل تەڭسىزلىك ئۈستىدىن ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىش ئىرادىسىدىن ھەرگىز يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2003-يىلى مارت ئايلىرىدىكى خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2003-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىن يولغا چىققان خىتايغا تەۋە بولغان خەلقئارالىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدىكى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرنى ئاساس قىلغان 21 كىشى، شۇ كۈنى كېچىدە قىرغىزىستان بىلەن قەشقەر ئارىسىدىكى خىتاي چېگراسىغا يېقىن جايدا ئاۋۋال نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن بۇلانغان، ئاپتوبۇستىكى 21 كىشى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان، ئاندىن ئاپتوبۇس كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى ۋەقەنى بىر قېتىملىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەم ۋەقەدىن كېيىن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى.
0:00 / 0:00