0:00 / 0:00
خىتايلار تۇرغان يېرىدىن كېڭىيىپ چىقىپ ئۇيغۇرلارنى قورشىۋالغان
ھۈسەن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئولىمپىك مەشئىلىنى ئۇزۇتۇش پائالىيىتىدە، قىزىل بايراق كۆتۈرۈپ چىققان خىتايلار تۇرغان يېرىدىن كېڭىيىپ چىقىپ ئۇيغۇرلارنى قورشىۋالغان.
'بۈگۈن مەن رابىيە خانىمغا ھەقىقىي ئىشەندىم'
ھۈسەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بىر ئاۋستىرالىيىلىك خانىم 'بۈگۈن مەن رابىيە خانىمغا ھەقىقىي ئىشەندىم' دېگەن.
قىزىل بايراقچىلارنى خىتاينىڭ ئەلچىخانىسى پۇل بېرىپ ئەكەلگەن
ھۈسەن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، قىزىل بايراق كۆتۈرگەنلەرنى خىتاينىڭ ئەلچىخانىسى پۇل بېرىپ نامايىش قىلغۇزغان.
قىزىل بايراق كۆتۈرگەنلەر ئاۋسترالىيىلىكلەرگە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزى چۈشەندۈرۈپ قويدى
ھۈسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئوبدان چۈشىنىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇنى دۇنياغا چۈشەندۈرۈپ بولالماي تۇراتتى، بۇ قېتىم قىزىل بايراق كۆتۈرگەن خىتايلار ئاۋسترالىيىلىكلەرگە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزى ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويدى.
