قورغاس ناھىيىسىدە ۋەزىيەت يەنىلا جىددى، ئىككى كىشى تۇتقۇن قىلىندى

5 ‏- ئىيۇل گۇماندارلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىك ۋەقەسى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دائىرىلەر ۋەقەنى ئاشكارىلىغۇچىلارغا قارىتا ھۇجۇم باشلىغان. ئىگىلىشىمىزچە، بۈگۈن قورغاس ناھىيىسىنىڭ لەنگەر يېزىسىدىكى ھاجى مەمەت ۋە ئابدۇسالام ناسىر قاتارلىق ئىككى كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

0:00 / 0:00

5 ‏- ئىيۇل گۇماندارلىرىدىن شۆھرەت تۇرسۇننىڭ تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى ئاشكارىلىغۇچىلارنى ئېنىقلاش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەركىتىنى باشلىغان.

بۈگۈن، 23 - ئىيۇل، ئەتىگەن، شۆھرەت تۇرسۇننىڭ تۇغقانلىرىدىن ھاجى مەمەت ۋە قوشنىسى ئابدۇسالام ناسىر تۇتقۇن قىلىنغان. ھاجى مەمەت بىلەن ئابدۇسالام ناسىر 1997 ‏- يىلى، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن سوتلىنىپ 6 ۋە 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان؛ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن قويۇۋېتىلگەن، بۇ قېتىم ئۇلار، شۆھرەت تۇرسۇننىڭ مېيىت نامىزىغا تۇغقاندارچىلىق ۋە قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى تۈپەيلى قېتىلغان بولسىمۇ، ئۆتمۈشتىكى سىياسىي تارىخىي سەۋەبلىك، ۋەقەنى ئاشكارىلىغۇچىلارنى پاش قىلىشتا گۇمان ئوبېكتى بولغان.

5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن، جىددىي ئالاقزادىلىككە دۇچار بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى 6 ‏- ئىيۇلدىن باشلاپ قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىشنى باشلىغان ئىدى. تۈرمىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن شۆھرەت تۇرسۇن قارا-قويۇق تۇتقۇننىڭ ئېچىنىشلىق قۇربانىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ قېتىم ھاجى مەمەت ۋە ئابدۇسالام ناسىرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىمۇ قارىسىغا تۇتقۇن قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

بۈگۈن بۇ ۋەقە ھەققىدە رادىيومىزغا بايانات بەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا، خىتاينىڭ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزلىرىنى زۇلۇم سالغۇچى ئەمەس، بەلكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كەلگەنلىكىنى، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن پۈتۈن تەشۋىقات ۋاستىلىرى ۋە دىپلوماتىك چارىلىرىنى ئىشقا سالغانلىقىنى، شۆھرەت تۇرسۇننىڭ ئۆلۈمىنىڭ، خىتاينىڭ 5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى پەيلىنى ئېنىق دۇنياغا ئاشكارىلىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن يەنىلا قانۇنسىز شەكىلدە ھاجى مەمەت بىلەن ئابدۇسالامنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا سۆزىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇقىملىق ئەندىشىسى ئىچىدە جىنايەتنىڭ ئۈستىگە جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇ تۈرلۈك جىنايەتلەرنىڭ سوراقسىز قالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر بۈگۈن خىتاي سوراقسىز قېلىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دولقۇن ئەيسا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش سىياسىتىنى ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇ باستۇرۇشلىرىنىڭ ھېچ بىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىگە ئىتائەت قىلدۇرۇشتا كارغا كەلمىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ قېتمقى باستۇرۇشىنىڭمۇ، ئاتالمىش "مۇقىملىقنى قوغداش"تا ئۈنۈم بەرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.