خىتاينىڭ قوش-تىل مائارىپ سىياسىتىگە بەرگەن ئىزاھاتى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
2013.01.08

بۇ دوكلاتتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2004 -يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يەسلى ئوقۇتۇشىدىن باشلاپ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگىچە بولغان مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە تەدبىرلىرى ئۈستىدىن چۈشەندۈرۈش بېرىلگەن. ئەمما بۇ دوكلات ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇ دوكلاتقا باھا بېرىپ «خىتاينىڭ ئاتالمىش قوش تىل مائارىپ سىياسىتى توغرىسىدىكى بۇ دوكلاتنىڭ، پەقەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيىنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىدىن باشقا ئىلمىي قىممىتى يوق» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى، بىر قانچە يىللىق سىناقلاردىن كېيىن 2000-يىلى رەسمىي يولغا قويۇشقا باشلىدى. دەسلەپ ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن باشلانغان مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش، نۆۋەتتە يەسلى مائارىپىغىچە مۇكەممەل سىستېمىلىق مېخانىزمغا ئايلاندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىغىچە بارلىق مىللىي باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، 2012-يىلىغىچە يەسلى مائارىپى خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە 2020-يىلغىچە پۈتۈن مائارىپ سىستېمىسىنى تەلتۆكۈس خىتايچىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۆپلەپ مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجراتماقتا.
شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى سىياسىتى توغرىسىدا ئىزاھات ناملىق دوكلاتتىن قارىغاندا 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغا قەدەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مىللىي مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش قەدىمى تېخىمۇ ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق كۈچىنى قوش تىل ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى ۋە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلارنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا قاراتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
2004-يىلىدىن باشلاپ باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ جەمئىي 22 قىسىم «خەنزۇ تىلى» دەرسلىكى تۈزۈپ چىقىلغان.
قوش تىل مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، خەنزۇ تىلى دەرسى تەدرىجىي كۆپەيتىلىپ 2008-يىلىدىن باشلاپ قوش تىل سىنىپلىرىنىڭ «خەنزۇ تىلى» دەرسلىكى يېڭىدىن تۈزۈپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ يېڭى قوش تىل دەرسلىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 12 كىتاب، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بەش كىتابتىن تەركىب تاپىدۇ. شۇنداقلا يەنە يېزىلاردىكى ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپى ئۈچۈن، «ئوقۇتقۇچىلار يېتەكچى قوللانمىسى» خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە د ۋ د ئوقۇتۇش ئوپتىكىلىق دىسكىسىنى ئىشلەپ چىقتى. بۇ دېسكىلار 2011-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ يېزىلاردىكى قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ھەقسىز قوللىنىشىغا تارقىتىپ بېرىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قوللانغان قوش تىل مائارىپى ھەققىدىكى دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن سانلىق رەقەملەردىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئاز بولمىغان مەبلەغ سالغانلىقى مەلۇم، بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدا قانداق ئىنكاس قوزغىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق، ئەركىن سىدىق ئەپەندى قوش تىل مائارىپ سىياسىتى ھەققىدىكى بۇ دوكلاتنىڭ قايىل قىلارلىق ھېچقانداق ئىلمىي تەرىپىنى كۆرمىگەنلىكىنى، بۇنى پەقەت بىر تەشۋىقات دەپ چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يېقىنقى يىللاردا ئاپتونوم رايون ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار سىنىپى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە نۇرغۇن قوش تىل ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلدى، بۇ دوكلاتتىمۇ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنىنى كۈچەيتىشتە، قانداق تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقىغا مۇنداق ئىزاھاتلار بېرىلگەن:
ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش. 2006 -يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا دارىلمۇئەللىمىننىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپ كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جەمئىي 26 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى. 2007 -يىلىدىن باشلاپ يېزا قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئالاھىدە تەربىيىلەش پىلانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 2011 -يىلىغىچە جەمئىي 4619 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلدى.
ئاز سانلىق مىللەت «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى بىر يىللىق ئىشتىن ئايرىپ مەركەزلىك تەربىيىلەش، (2006-يىلىدىن كېيىن ئىككى يىللىق قىلىپ ئۆزگەرتىلدى)، 2011-يىل 12-ئايغىچە، 16 مىڭ 920 ئوقۇتقۇچىنى تەربىيىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا 8164 «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسىنى قىسقا مۇددەت تەربىيىلىدى؛ 43 مىڭ 888 «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسىنى مەخسۇس تۈر بويىچە تەربىيىلىدى.
بۇلاردىن باشقا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىش جەھەتتە دوكلاتتا مۇنداق ئىزاھات بېرىلگەن:
2010-يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرىدىغان ھۆكۈمەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ (يەسلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش مېخانىزمىنى ئورناتتى، 2010-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 21 مىڭ 500 ئوقۇتقۇچى تولۇقلاندى، ئۇنىڭ ئىچىدە «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى 70% تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، 80% ئى يېزا مەكتەپلىرىگە تارقالغان.
2010-يىلىدىن بۇيان 13 مىڭ 528 ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىندى.
ئەركىن سىدىق ئەپەندى، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈشى جەريانىدا ئۇيغۇرلار تۆلىگەن ئەڭ ئېغىر بەدەلنىڭ بىرى تۈركۈملەپ مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىلىشى دەيدۇ، ئۇ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى ئىلگىرىلەپ يۈرگۈزۈشىدە دۇچ كەلگەن ئەڭ زور رىقابەت دەل ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاش باھانىسىدە تېخىمۇ كۆپ خىتايلارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.