قوش تىل مائارىپى ياساۋاتقان ئۆزگىرىشلەر (1)

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قوللىنىلىۋاتقان «قوش تىل مائارىپ سىياسىتى» نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسەتلىرى يېقىنقى 10-يىل ئىچىدە تېز ۋە زور كۈچ بىلەن ئىلگىرىلىتىلدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.01.14
qosh-til-oqughuchilar-305.jpg خوتەن قوش تىل مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
AFP

رادىئويىمىزنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن «قوش تىل مائارىپ» ئىغا دائىر ئىنكاس ۋە ئۇچۇرلارنى يىپ ئۇچى قىلغاندىمۇ، قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ھەتتا مەكتەپ يېشىغا يەتمىگەن بالىلاردا زور ئۆزگىرىشلەرنى ياساۋاتقانلىقىنى، بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ خىتايلىشىشى بەدىلىگە بولۇۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا ئاخىرىدا بۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە بىر تەھدىت ھاسىل قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە ئىزاھات بەرگەندە، خىتاي تىلىنىمۇ ۋە ئاز سانلىق مىللەت تىلىنىمۇ ئورتاق قوللىنىدىغان مائارىپ، بۇنىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ مىللىي تىلىنىمۇ، خىتاي تىلىنىمۇ بىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن دېدى. دەسلەپتە 2000-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدە شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلىنىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى خىتايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇلدى، بۇ تەجرىبىدىن كېيىنلا، خىتايدىكى شىنجاڭ سىنىپلىرى ئەندىزىسىدە 2006-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىندى، تەدرىجىي ھالدا مىللىي ئوتتۇرا مەكتەپلەر خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈلدى. ئارقىدىنلا باشلانغۇچ مەكتەپلەر بىرلەشتۈرۈلدى. 2012-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەر قوش تىللاشتۇرۇلۇپ بولدى ۋە قوش تىل يەسلىسى بولمىغان بىرمۇ يېزا قالماسلىق نىشانىغا يەتتى.

ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ كۆپ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئەڭ نامرات يېزا بولغان قەشقەرنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىنىڭ ھەر بىر كەنتىدە قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇپ بولدى، بۇ يېزا نوپۇسىنىڭ 98%tin كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلىسىمۇ، بالىلارنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇلماقتا. چوڭقۇرچاق يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر يېزا كادىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بەش ياشتىن يۇقىرى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھەممىسى قوش تىل يەسلىلىرىگە يىغىۋېلىنىپ خىتاي مۇئەللىملەرنىڭ تەربىيىسىدە پۈتۈنلەي خىتايچە ئوقۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئامېرىكىدىكى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى، خىتاينىڭ ھازىر يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى مائارىپ ئىلمىگە، قوش تىل مائارىپ ئىلمىگە، بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىش تەبىئىتىگىمۇ خىلاپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سىياسىي مەقسەتنىلا چىقىش قىلغان خاتا مائارىپ سىياسىتى، دەپ تەنقىد قىلىدۇ.

دەرۋەقە ئۇيغۇرلار ئەندىشە قىلغاندەك، قوش تىل مائارىپى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ نورمال يېتىلىشى، پسىخىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بەلگىلىك تەسىرلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم، نۆۋەتتە ئۇيغۇر سەبىيلىرىگە خىتايچە مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان يەكەننىڭ مەلۇم بىر ناھىيىسىدىكى قوش تىل يەسلىسى مۇئەللىمىنىڭ ئۆزىمۇ، بالىلارنىڭ بېسىملىرى ۋە ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەردىن كۆڭلى بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ سۈپىتىنى، ئەۋلادلارنىڭ ساپاسىنى ئۈستۈرۈش ئۈچۈن قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى يۈگۈرۈۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقىنى شۇنداقلا قوش تىل مائارىپىغا ھەر يىلى زور مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 30 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ سېپىدا ئىشلىگەن بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى نۆۋەتتىكى قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا بېسىمدىن باشقا نەرسە ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دەپ چۈشەندۈرۈش بېرىدۇ، گېرمانىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندىمۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇمۇ ئوخشاشلا، قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش، دەپ قارايدۇ.

خىتاي نېمە ئۈچۈن قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنى قوللاندى دېگەن سوئالغا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن كۈرەش ئاتاخان «چۈنكى، خىتاي تارىختىن بۇيان قان ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن پۈتۈنلەي باغلىنىشلىقى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتا قايتا-قايتا مەغلۇپ بولدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا مىللەتلەرنى رۇسلاشتۇرۇش تەجرىبىسىدىن ئۆگىنىپ،مائارىپىمىزنى، تىلىمىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بىزنى يەنە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئۇ شۇنداقلا، خىتاي بۇ ئۇسۇل بىلەنمۇ بەرىبىر مەغلۇپ بولىدۇ، دەپ تەكىتلەيدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.