قاغىلىقتا ئىككى نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچى يۇقىرىغا ئەرز قىلغانلىقى ئۈچۈن 35 كۈن قاماقتا ياتقان

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ئاتالمىش قوشتىل مائارىپىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى تەشۋىق قىلىنىپ، خەۋپ-خەتىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلىرى قەستەن ھالدا نەزەردىن ساقىت قىلىنماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويۇۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە زور بىر تەھدىت شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، يەنە، زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى خىزمىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەزەلدىنلا مەۋجۇت بولغان ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرماقتا. قاغىلىق ناھىيىسىدىكى ئىككى نەپەر ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاۋارىچىلىكلەر، خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى نامايان قىلماقتا.

ئايشەمگۈل ۋە خەيرىگۈل قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ تېتىر ۋە كۆكيار يېزىسىدىن. خەيرىگۈل 7 يىل، ئايشەمگۈل بولسا 20 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاندىن كېيىن، 2004-يىلى ئۇشتۇمتۇت بىر ئۇقتۇرۇش بىلەن خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغان. خىتاي تىلى بىلمەسلىك ئۇلارنىڭ خىزمەتتىن قالدۇرۇشىنىڭ بىردىن-بىر سەۋەبى بولغان.

ۇلار خىزمەتتىن قالدۇرۇلغاندىمۇ ئۇلارغا ھېچقانداق بىر تۆلەم ياكى نەپىقە بېرىلمىگەن. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھايات يولى ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلمىغان.

ھاياتىنىڭ ياشلىق باھارىنى مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئاخىرىدا ۋە ئىشسىز ۋە ئۆي-ماكانسىز قالغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى يولۇققان ھەقسىزلىق ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ يۇقىرى تۆۋەن ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەن؛ ئەكسىچە، ئىككى قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ جەمئىي 35 كۈن قاماپ قويۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى، قوش تىللىق مائارىپنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەرەققىيات ۋە بەخت-سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن؛ مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى بولسا، ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپنىڭ؛ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن خەۋپ-خەتەرنىڭ باشلانغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، قوش تىللىق مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەڭ بولمىغاندا ئۇنىڭ ئىجراات قەدىمىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن خەلقئارا سورۇنلاردا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.