قوش تىل مائارىپىغا تۈزىتىش نەدىن، قانداق باشلىنىشى كېرەك؟
2012.08.28
ئەمما، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل ئوقۇتۇشىدا بەزى ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇلار 14-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل دەرسلىكلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە باشلىغان.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىم، دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئالدىنقى پروگراممىمىزدا بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «گەرچە بۇنى خىتاينىڭ باسقان بىر ئىجابىي قەدىمى دېيىشكە بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان مائارىپ سىياسىتىنىڭ نىشانى ئۆزگەرمەي تۇرۇپ قوش تىل مائارىپىنى توغرا يولغا كىردى دېيىشكە بولمايدۇ. ئەگەر خىتاي، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى پەقەت بويسۇنغۇچى قۇللار قىلىپ تەربىيىلەشنى نىشان قىلغان بولسا، ھازىرقى ئىلمىيلىقتىن ھالقىغان بۇ قوش تىل مائارىپ سىياسىتى خىتاي ئۈچۈن توغرا، ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇ سىياسەت تۈپتىن ئۆزگىرىشى كېرەك» دېگەن ئىدى.
ئۇنداقتا، قوش تىل ئوقۇتۇشىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى نەدىن، قانداق باشلاش كېرەك؟ توغرا ۋە ئىلمىي بولغان قوش تىل مائارىپى قانداق بولۇشى كېرەك؟
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا جاۋابلىرىنى مۇخبىرىمىز تەييارلىغان سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ داۋامىدىن ئاڭلايسىلەر.