ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى: ناھىيىدىن يېزىغا، يېزىدىن كەنتلەرگە پالىنىۋاتىمىز...
خىتاي ھۆكۈمىتى 2010-يىلىدىن باشلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىدىن «نىشانلىق ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر جاي، ھەر ساھەلىرىگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىشكە باشلىدى.
-
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2012-11-07 -
-
-
Your browser doesn’t support HTML5 audio
بارلىق مەكتەپلەرنى قوش تىللاشتۇرۇش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدىمۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلار كۆپەيتىلمەكتە. بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋاقىتلىق ياردەم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى شتاتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى، يېڭىدىن كېلىۋاتقان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارغا شتات ھازىرلاش ئۈچۈن، دائىرىلەرنىڭ مەكتەپلەردە ئەۋلاد تەربىيىسىگە پۈتۈن زېھنىنى بېغىشلاپ جاپالىق خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنى ناھىيىدىن يېزىغا، يېزىدىن كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە تۈرلۈك باھانە بىلەن چۈشۈرۈپ، ئاخىرى دەرس مۇنبىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلدى.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئوقۇتقۇچى يەنە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن، ئىستانسىمىزغا ئېغىز ئېچىشقا تەۋەككۈل قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتايلار بىلەن ھەقسىز رىقابەتكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ئاڭلىغايسىلەر.