"قوش تىللىق بولۇش" تەلىپى ناھىيە ھەم يېزىلارغىچە كۈچەيتىلمەكتە


2004.11.22

شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ 22 - نويابىردا بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇنىڭ باي ناھىيىسىدىكى كادىرلارنىڭ قوش تىل سەۋىيىسىنى سىنىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 39 خىتاي كادىر ۋە 23 نەپەر ئۇيغۇر كادىر لاياقەتسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇلغان. يەنى ئۇيغۇر ئېلىدا قوش تىللىق بولۇش كادىرلارغا باھا بېرىشتىكى ئەڭ ئاساسىي ئۆلچەم بولغان.

ئۇيغۇرلارغا تەلەپ قاتتىق

جۈملىدىن، ئاقسۇ باي ناھىيىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتمۇ بارلىق ناھىيىلىك ھەم يېزىلىق كادىرلارنى باھالاشتا ھەم ئۆستۈرۈشتە قوش تىلدا لاياقەتلىك بولۇش ياكى بولالماسلىقىغا قاراپ باھالاش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. شۇنداقلا 45 ياشتىن تۆۋەن كادىرلارنى بىردەك قوش تىل ئۆگىنىش كۇرۇسلىرىغا ئۇيۇشتۇرۇپ ئۇلاردىن خىزمەتتە قوش تىللىق بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

بىز قوش تىللىق بولۇش تەلىپى ئاقسۇ باي ناھىيىسىدە بارلىق كادىرلارغا ئوخشاش قويۇلىۋاتامدۇ قانداق ؟ دىگەن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن باي ناھىيىسىگە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال، قوش تىللىق بولۇش تەلىپىنىڭ نۆۋەتتە بارلىق ساھەلەرگە قويۇلىۋاتقان بىر قاتتىق تەلەپ ئىكەنلىكى ئەمما بۇ تەلەپنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا قويۇلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇيغۇرلارلا قوش تىللىق بولۇشى كېرەكمۇ؟

بىز يەنە باي ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى جېڭ فامىلىلىك بىر كەنت باشلىقى بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق. ئۇ بايدا ئىككى يۈز مىڭچە نوپوس بار، ئاساسەن ئۇيغۇرلار، خىتاي نوپۇسى ئاران ئوتتۇز مىڭچە چىقىدۇ ئەمما نۆۋەتتە قوش تىللىق بولۇش تەلىپى خىتاي ئۇيغۇر ھەممە كادىرلارغا ئوخشاش قويۇلىۋاتىدۇ، مىللىيلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان يېزىلاردا خىتاي كادىرلارنىڭمۇ قوش تىل ئۆگىنىشى زورۈر، ئەمما بىزنىڭ كەنتتەك خىتايلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان كەنتلەردە ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتسا بولىدۇ دىدى.

ئۇ يەنە "ناھىيىمىزدە ئۇيغۇر دېھقانلار خىتايچىنى پەقەتلا بىلمەيدۇ، مېنىڭچە كادىرلارلا ئەمەس، دېھقانلارمۇ قوش تىللىق بولسا تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىزگە، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ" دىدى.

ئەمما ئۇ ئۆزى ئاقسۇدا ياشاۋاتقىنىغا يىگىرمە يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەلمەيدىكەن. بىز ئۇنىڭدىن شۇنچە ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاش جەريانىدا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۈگەنمىگەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ "ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش بەك تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر كادىرلار ھەممىسى دېگۈدەك خىتايچە بىلىدىغان بولغاچقا بىز خىتايچە پاراڭلىشىمىز" دەپ جاۋاب بەردى.

ئىككى خىل ئۆلچەم

شۇنىڭغا ئوخشاش، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە بارلىق كەسىپ ھەم ساھەلەردە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىشنى يولغا قويۇۋاتقان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە خىتايلارغا بولسا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلىنى بىلىش ياكى ئۆگىنىش تەلىپى ئاغزاكى تەكىتلەنسىمۇ، قوش تىللىق بولۇش تەلىپى ئاساسەن ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قارىتا قاتتىق قويۇلىۋاتقان خىتايچە بىلىش تەلىپى ئىكەن.

رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق بولۇش تەلەپ - ئۆلچەملىرىگە يەتمىگەن ئۇيغۇر كادىر، ئوقۇتقۇچى ھەم خىزمەتچىلەر مۇشۇ باھانە بىلەن خىزمەتلىرىدىن قالدۇرۇلۇش بىلەن بىرگە، ياشلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشىدىمۇ خىتايچىنى ياخشى بىلىش ئەڭ ئالدىنقى تەلەپ بولماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.