ئىسمائىل تىلىۋالدى قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىشنى تەلەپ قىلدى
2005.12.05
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىدە ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلغان. مەزكۇر يىغىندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدى قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ سۈرئىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا تېخىمۇ تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن بۇ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت مەزكۇر جايدىكى قوش تىللىق مائارىپى ئۈچۈن، زور مىقداردا مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، مىللىي مەكتەپلەر بىلەن خىتاي مەكتەپلىرىنىڭ قوشۇۋېتىلىش سۈرئىتىنى تېزلەتكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز مېھرىبان بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مائارىپ ئىنستىتۇتىدا ئۇزۇن يىل ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن سىدىق ھاجى ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چەتئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى تەس بولماقتا
- "شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى" دە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار جازالانماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇردىمۇ؟
- دوكتور مايكېل دىلون خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپى توغرىسىدا توختالدى
- ئامېرىكا ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قوش تىللىق مائارىپقا بولغان كۆز قارىشى