ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەيتىلىۋاتقان قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىياسىتىگە بولغان ئىنكاسلار


2005.12.06

يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئوتتۇرا ‏- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇش خىزمىتى يىغىنىدا ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ قوش تىللىق ئوقۇتۇشنىڭ سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىش ھەققىدە قويغان تەلىپى زىيالىيلار ئارىسىدىكى نارازىلىقنى كۈچەيتمەكتە. گەرچە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدە ياشاۋاتقان زىيالىيلار ئۆز نارازىلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا بايان قىلىشتىن قورققان بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىش ھەققىدە قويغان تەلىپىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، " بۇ خىل قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىش دېگەنلىك مىللەتنىڭ مائارىپ ساپاسىنى ئۈستۈرۈش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يوق قىلىش ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ خىتايلاشتۇرۇش دېگەنلىك " دەپ بىلدۈرمەكتە.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز مېھرىباندىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.