قوش تىل مائارىپى تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكتە


2006.01.24

CHINA-XINJIANG-MARKET-15.jpg
30 – مارت كۈنى بىر ئۇيغۇر كىشى قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتى يېنىدىن ئۆتۈۋاتماقتا. جەمئىيەت بېسىملىرى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشى جەھەتلەردىكى قولايسىزلىقلار ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنى بالىلىرىنى خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشقا مەجبۇر قىلماقتا. AFP

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئورنى بارغانچە يوقاپ، ئىشلىنىش دائىرىسىمۇ ناھايىتى چەكلىك بىر ھالەتكە يەتتى. جۈملىدىن مىللىي مائارىپنىڭ ئورنىغا قوش تىل مائارىپىنىڭ دەسسىتىلىشى بىلەن، ھەتتا مائارىپتىمۇ ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇلىشى ئاجىزلاشتۇرۇلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قوللىنىۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتى يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى تېخىمۇ كۈچەيتىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر، ناھىيە ھەتتا يېزا‏ - كەنتلىرىگىچە خىتايچە مەكتەپلەر بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتىنى ئومۇملاشتۇرماقتا.

تىزلىتىلىۋېتىلغان قەدەم

قەشقەر ھۆكۈمەت تورىدىن ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر تەۋەسىدە مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش بىر تۇتاش پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇردىن باشلاپ مارالبېشى ناھىيىسىدە قوش تىلدا ئوقۇتۇلىدىغان مەكتەپتىن 7 سىنىڭ كېڭەيتىپ قۇرۇلۇشى تاماملانغان. 472 نەپەر ئوقۇتقۇچى بىر تۇتاش قوش تىل ئىمتىھانى بويىچە تاللىنىپ خىزمەتكە قويۇلغاندىن باشقا بۇ مەكتەپلەرگە مەخسۇس خىتايچە دەرس ئۆتىدىغان 40 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىنى يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرغان.

مارالبېشى ناھىيىسىدەجەمىي 31 مەكتەپتە خىتاي تىلىنى ئاساس قىلىپ ئوقۇتىدىغان قوش تىل سىنىپىدىن 60ئى تەسىس قىلىنىپ ھازىرغىچە 2270 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان. قەشقەر ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئۆتكەن ھەپتە بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، مەكتەپلەرنى بىرلەشتۈرۈش ھەر قايسى كەنتلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇلماقتا ئىكەن. شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ خىتايچە سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

ھۆكۈمەت كۈتكىنىگە يەتمەكتە

ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھەر ساھەلەردە ھەتتا مائارىپتىمۇ رولىنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئاتا -ئانىلاردىمۇ بالىلىرىنى خىتايچە ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولۇشتەك بىر ھالەت شەكىللەنگەن. بەزى ئاتا ‏- ئانىلار گەرچە تىل ئۆگىنىش ياخشى ئىش بولسىمۇ ئەمما ئۆز ئانا تىلى تەربىيىسىنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ خىتايچە ۋە باشقا تىللارنى قوشۇمچە ئۆگىنىشنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى، ئەمما جەمئىيەتتە خىتاي تىلى ئاساسلىق ئورۇندا بولغاچقا، بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىستىقبالىدىن ئەندىشە قىلىپ ئامالسىز بالىلىرىنى كىچىكىدىن خىتايچە ئوقۇتۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ھەتتا مارالبېشى ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان ئاتىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە بولغان قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

"خىتايچىنى ياخشى بىلمىسە كەلگۈسىدە خىزمەت تاپالمايدۇ، ھەتتا جان باقالمايدۇ" دېگەندەك، خىتاي سىياسىتى تۈپەيلى پەيدا بولغان بۇ ئەندىشە پەقەت ئاتا ‏- ئانىلارنىلا غەمگە سېلىپلا قالماي، ھەتتا كەلگۈسى ئۈچۈن گۈزەل چۈشلەرنى كۆرۈشكە ھەم شۇ ئارقىلىق تىرىشىپ ئوقۇشقا رىغبەتلىنىشكە تېگىشلىك ياش‏- ئۆسمۈرلەرنىمۇ تەشۋىشكە سالماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۆزلىكىدىن ئەمەس زورلاپ تېڭىلغان، مەجبۇرلانغان،خىتاي تىلى مائارىپىنىڭ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىغا ئەسلىگە كەلتۈرگۈسىز چېكىنىش ھەمدە زىيانلارنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، ئەۋلادلارنىڭ چوڭقۇر بىلىم ئىگىلىيەلمەسلىكى ھەمدە ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى " ئوچۇق ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدۇر، خىتاي بۇ ئارقىلىق تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇش بىلەن بىرگە،ئەۋلادلىرىمىزنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە" دەپ ئەيىبلىمەكتە.(گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.