چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتايچىلاشتۇرۇش مائارىپىنى تەنقىد قىلماقتا
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى پارتكومى سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن، ئۇيغۇرلاردا ئەسلىدىنلا نارازىلىق ھەمدە ئەندىشىلەر پەيدا قىلىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ نامىدىكى مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىشنى قايتا ئەسكەرتىپ، "ئاز سانلىق مىللەتلەرگە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش ، ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك 100 يىللىق پىلان" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمدە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نارازىلىقنى كۈچەيتتى.
بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ۋە خىتاينىڭ مائارىپ سىياسىتىگە نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
©
2006 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايلاشتۇرۇش ھەققىدىكى يېڭى سىياسەتلەر چەتئەللەردە ئىنكاس قوزغىماقتا
- ۋاڭ لېچۈەن ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى 100 يىللىق زور پىلان، دېدى
- ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتى جەريانىدا قانداق بېسىملارغا ئۇچراۋاتىدۇ؟
- قوش تىل مائارىپى تېخىمۇ كۈچەيتىلمەكتە
- ئۇيغۇر ئېلىدە كۈچەيتىلىۋاتقان قوش تىللىق ئوقۇتۇش سىياسىتىگە بولغان ئىنكاسلار