ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇتۇش قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ


2006.05.22

ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە، مائارىپنى خىتايچىلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر بىلەن خىتاي مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ھەققىدە ھەر خىل مۇنازىرىلەر مەيدانغا كەلمەكتە. بىر قىسم كىشىلەر "بالىلىرىمىز نوقۇل خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، ئۆز ئانا تىلىمىزنى سۆزلىيەلمىسە، مۇشۇنداق داۋاملىشىۋىرىپ، كېيىنكى كۈنلەردە بىز بىلەنمۇ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشەلمىسە قانداق بولغىنى" دىيىشسە، يەنە بىر قىسىملىرى "10 نەچچە يىل مابەينىدە، نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاپ ئۇلارنى كىچىكىدىنلا خەنزۇچە مەكتەپلەرگە بەردى، شۇ پەرزەنتلەرنىڭ بىر قىسىمى ئۆز تىل ‏- يېزىقىنى بىلمەيلا قالماستىن بەلكى، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيدىمۇ خەنزۇچە سۆزلىشى تۈپەيلى ئۆز تىلىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى، دىيىشمەكتە.

باللىرىنى خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇشنى قەتئىي خالىمايدىغان ئاتا ‏-ئانىلار بولسا "ھەي، خالايىق پەخەس بولايلى، بالىلىرىمىزنى باشقا مىللەتكە تۇتۇپ بەرمەيلى، ئۆز تىلىنى بىلىدىغان، ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىدىغان، ئۆز مەدەنىيىتىنى چۈشىنىدىغان، ئانا تىلىدا نۇتۇق سۆزلىيەلەيدىغان، ماقالە يازالايدىغان بالىلارنى تەربىيەلەيلى" دەيدۇ.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ مەخسۇس پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.