ئۇيغۇر مائارىپى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە


2006.09.07

CHINA_XINJIANG_EDUCATION_46.jpg
2003 – يىلى 13- سېنتەبىر كۈنى كورلىدىكى مەلۇم مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتايچە دەرس ئالماقتا. AFP

سېنتەبىر ئېيى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭى مەكتەپكە كىرگەن باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەمەس، ھەتتا تەييارلىق سىنىپ باغچا بالىلىرىمۇ پۈتۈنلەي خىتايچە مائارىپ قوبۇل قىلىدۇ. خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مەخسۇس ھۆججىتى بىلەن بۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان "ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى"ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىرچە ئۇيغۇر ھەمدە قازاق تىلىدىكى مەكتەپلەردە تارقىتىلغان. شۇنداقلا ئوقۇش باشلاشنىڭ ئالدى كەينىدە قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا مەخسۇس سىياسى ئىدىيە ئەخلاق تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

ئوقۇشلۇق پۈتۈنلەي قوش تىللىق قىلىندى

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە 1 - سېنتەبىر يەنى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ بارلىق ئوتتۇرا باشلانغۇچ ھەمدە تەييارلىق سىنىپ باغچا مەكتەپلىرىدە "قوش تىللىق ئوقۇش ماتېرىيالى" بويىچە دەرس ئۆتۈلۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ ئالدىدا ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ھەمدە مائارىپ تارماقلىرى بىرلىكتە "يېزا كەنتلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەييارلىق سىنىپ ئوقۇتۇش تېزىسى" ۋە" قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى باشقۇرۇش قارارى" قاتارلىق ماتېرىياللار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى ئېلىپ بارغان.

قوش تىل مائارىپى ھەققىدە تۈزۈلگەن تىزىس ھەمدە قارارلاردا، ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا خىتاي تىلى مائارىپىنى ئاساسلىق كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىش، خىتاي تىلى ئۆگىنىشتە بالىلارنىڭ ئاڭلاش، ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش مەشىقىگە گەۋدىلىك ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي ئۇلارغا ئادەتتىمۇ خىتايچە سۆزلىشىش مۇھىتى يارىتىش تەلەپ قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئاشكارلىنىشىگە قارىغاندا نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىدا باشلانغۇچتىن بۇرۇن ھەمدە باشلانغۇچ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل دەرسلىكلىرىنى يېڭىلاپ تۈزۈش يەنى قوش تىل مائارىپ بويىچە تەييارلاش تاماملىنىپ، تولۇق ئوتتورا دەرسلىكلىرىنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتى جىددى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن. شۇنداق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش خىزمەتلىرىمۇ باشلىنىش ئالدىدا ئىكەن.

قوش تىللىق مائارىپى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۇيغۇر ئېلىدە

ئۈرۈمچىدىن ئىگە بولىشىمزچە، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە قوش تىل مائارىپى نامىدىكى خىتايچە مائارىپنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى، سېنتەبىرنىڭ بېشىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ قوش تىل مائارىپىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئەھۋالى، سىياسىي ئىدىيىۋى قۇرۇلۇشى، ھەمدە ساپا مائارىپى قاتارلىق ئۈچ تەرەپنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

مەركەزنىڭ مەزكۇر تەكشۈرۈش ئۆمىكى باشلىقى خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى ئاساسىي مائارىپ كومىتېتى باشلىقى گاۋ خۇڭ، ئۈرۈمچىدىكى خىتاي مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن -1 باشلانغۇچ مەكتەپنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا " مەكتەپلەردە سىياسىي ئىدىيىۋى ئەخلاق تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك، قوش تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلىۋاتقان نۆۋەتتىكى پەيتتە بۇنى بوشاشماي، ئۇزۇن مۇددەت چىڭ تۇتۇش زۆرۈر، بولۇپمۇ بۇ خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ناھايىتى ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. دۆلەت مائارىپنىڭ تەرەققىياتى، سېلىنمىسى ھەققىدە يەنەكۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بەزى مەسىلىلەرنى يەنىلا يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ " دېگەن.

ئوقۇتقۇچىلارغا تىل ۋە سىياسىي ئىدىيە شەرتلىرى قويۇلماقتا

بۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر خىتاي مەكتەپلىرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈلۈپ بولدى، قالغان ئاز بىر قىسمىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى بويىچە مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بىرلەشتۈرۈلىدۇ. شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىل ئەدەبىياتى قاتارلىق بىر قانچە دەرسلىكتىن باشقا ھەممە ئاساسلىق دەرسلىكلەرنى پۈتۈنلەي خىتاي تىلى مائارىپى بويىچە قوبۇل قىلىدۇ. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ جىددى تۈردە خىتايچىلاشتۇرۇلىشى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل مەكتەپلىرىگە ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك بېسىمىنى ئېلىپ كەلگەن. يەنى خىتاي تىلىدا دەرس بېرەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار كەمچىل بولۇش ئومۇمىي يۈزلۈك مەسىلە بولۇپ قالغان. بۇنىڭ ئۈچۈن مائارىپ تارماقلىرى ھەر قايسى جايلاردىن، جەمئىيەتتىن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلماقتا ئىكەن.

مەسىلەن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يېڭىدىن ئوقۇتقۇچى كۆپەيتىش، تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىش توختامىنى يولغا قويۇش پىكىردە [2003] 23 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە مۇنداق يېزىلغان.

2006 - يىلىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى كۆپەيتىپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھاندا يەنىلا خەنزۇ تىلى ۋە قوش تىلدا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تولۇقلاش ئاساس قىلىنىدۇ. مىللىيچە ئوقۇغانلار ئىچىدە ئالاھىدە كەسپ (مۇزىكا، تەنتەربىيە، رەسىم) نى پۈتتۈرگەنلەردىن ۋە خەنزۇچە تىل يېزىقتىكى ھەر قايسى كەسپلەردىن مۇۋاپىق نىسبەتتە ئوقۇتقۇچى تولۇقلىنىدۇ. بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىپ ئەلالىرى تاللاپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

بىرىنچى، ئىمتىھان ئېلىشتىكى پىرىنسىپلار 1. ئاساسى قاتلام ئۈچۈن خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى تولۇقلاش پرىنسىپى. 2. ئاشكارە ھەم بارا ۋەر بولۇش، رىقابەتلەشتۈرۈپ ئەلالىرىنى تاللاش پرىنسىپى. 3. پەنلەر ۋە خادىملار قۇرۇلمىلىرىنى تەڭشەش پرىنسىپى.

ئىككىنچى ، مەكتەپلەرگە تولۇقلىنىدىغان ھەر خىل پەن ئوقۇتقۇچىلىرى مىللىيچە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن خەنزۇ تىلى، خەنزۇچە ئۆتىلىدىغان ماتېماتىكا، مۇزىكا، تەنتەربىيە، رەسىم ئوقۇتقۇچىلىرى. ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن خەنزۇ تىلى، خەنزۇچە ئۆتىلىدىغان ماتېماتىكا، خەنزۇچە ئۆتىلىدىغان فىزىكا، خەنزۇچە ئۆتىلىدىغان خىمىيە، مۇزىكا، تەنتەربىيە، رەسىم ئوقۇتقۇچىلىرى. خەنزۇچە: باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئۈچۈن ھەممە پەن ئوقۇتقۇچىلىرى. ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەممە پەن ئوقۇتقۇچىلىرى.

بۇ يىلقى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشتا قويۇلغان شەرتلەر ئىچىدە كەسپى سەۋىيە جەھەتتىكى شەرتلەرگە قارىغاندا يەنىلا خىتاي تىلى ھەمدە سىياسىي ئىدىيىۋى جەھەتتىكى شەرتلەر ئاساسلىق گەۋدە قىلىنغان.

يەنى 1. سىياسىي- ئىدىيىۋى شەرتى

1) كومپارتىيىنى ھىمايە قىلىدىغان، سوتسىيالىستىك ۋەتەننى سۆيىدىغان، تۆت ئاساسى پىرىنسىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋەسوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا چىڭ تۇرىدىغان، پارتىيىنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىدىغان، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغدايدىغان، بايرىقى روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قارشى تۇرىدىغان، دىنغا ئېتقاد قىلمايدىغان، دىنىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشمايدىغان، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى ئاڭلىق ھالدا دادىل توسىدىغان بولۇش. 2) ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنى سۆيىدىغان، ئىش ئورنىنى قەدىرلەيدىغان، كىشىلەر ئۈچۈن ئۈلگە- ئۇستاز بولىدىغان، كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيىلەيدىغان، ياخشى كەسپىي ئەخلاق ھازىرلىغان بولۇش. 3) قانۇن - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ئىستىلى توغرا، ئوقۇتۇش ئىلىمىگە پىشقان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان، كەسپچانلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلقى كۈچلۈك، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنىدىغان، چەت، يىراق، نامرات يېزا- قىشلاق مەكتەپلىرىگە ئۆزلىكىدىن بارىدىغان بولۇش ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ستاجى ۋە سالامەتلىك شەرتى، يېشى تىنى ساغلام، نۇقسانسىز بولۇشى كېرەك. ۋە باشقىلار.

قوش تىللىق مائارىپىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ماس ھالدا سىياسىي ئۆگىنىش كۈچەيتىلدى

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بەزى ئىنكاسلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئالىي مەكتەپتىن تا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقىچىلىرىغىچە بەزى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلارنى بىر ئاي بۇرۇن، بەزىلىرىدە ئىككى ھەپتە بۇرۇن يىغىۋالغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلار ئومۇميۈزلۈك" سىياسىي ئىدىيە قانۇن ئاساسىي بىلىم دەرسلىكلىرى"نى ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان. شۇنداقلا ئاخىردا رەسمى قەغەز يۈزىدە ئىمتىھان بەرگەندىن سىرت تەسىرات سۆزلەشكە ئوخشاش سىياسىي ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ ئۆگىنىشتە ئوقۇتقۇچىلار ئاساسەن توغرا مائارىپ ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، قانۇنسىز دىنىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشكە قارشى تۇرۇش، مەكتەپنىڭ مۇقىملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئىزچىللىشى ئۈچۈن پاسسىپ ئامىللارغا قارشى تۇرۇش ھەمدە ئاكتىپ رول ئويناش قاتارلىقلارنى مەزمۇن قىلغان ماتېرىياللارنى ئۆگەنگەن. ھەتتا بۇ خىل تەربىيە بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ دەرس باشلاشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلگەن.

ئۇيغۇر زىياليلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىقارغان قوش تىل ئوقۇشلۇقى بىلەن ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ خىتايچىلاشتۇرۇش سۈرئىتى تېخىمۇ تىزلىگەندىن باشقا، بۇنىڭ ئوقۇتقۇچى ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئاز بولمىغان بېسىملارنى ئېلىپ كېلىشى ھەمدە بۇنىڭ بىلەن مائارىپ سۈپىتىدە زور چېكىنىش يۈز بېرىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.