ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپ تور بەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى "قوش تىل" ئوقۇتۇشى بويىچە مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقان. يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2010 - يىلىدا ئۇيغۇر ئېلىدە "قوش تىل مائارىپى" غا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى ۋە بۇنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋاللىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ ھەقتە "مائارىپ تورى"دا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى" نى قەدەممۇ - قەدەم كۈچەيتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل يەنە، جەنۇبتىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ھەمدە كەسپىي تولۇق ئۇتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ "قوش تىل" ئوقۇتۇشىنى كۈچەيتىش، قوش تىللىق يەسلى مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش.
شىنجاڭ ئىچىدىكى پېداگوگىكا كەسپى مەكتەپلىرىگە 6000 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرى بويىچە "قوش تىل" ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش، جەنۇبتىكى مەكتەپلەردە خىتاي سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا "قوش تىل" سىنىپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن تىل ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ھەپتىدە ئىككىدىن ئۈچ سائەتكىچە ئۆتۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئوخشاش، بۇ يىل، قوش تىللىق مائارىپىنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە تېز ھەم مۇكەممەل ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوللىنىدىغان زۆرۈر قارار ھەم سىياسەتلەرنى يولغا قويغان.
ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدە يەسلى مائارىپىنى قوش تىللىقلاشتۇرۇش بىلەن تەڭ، مائارىپ ساھەسىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى مەخسۇس زۆرۈر دەرسلىككە كىرگۈزۈش بۇ يىلقى قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئىككى مۇھىم مۇھىم نۇقتىسى بولغان.
يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە مۇھىم قارار، 2012 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى "قوش تىل سىنىپلىرى" غا ئىجتىمائىي پەن كەسپىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆپەيتىش ۋە يەنە ئۇيغۇر ئېلى ئىچى ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى خىتايچە سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە دائىر قارارلار بولۇپ، بۇ قارارلار خىتاينىڭ 2012 - يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنى پۈتۈنلەي قوش تىللىقلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىكى زۆرۈر ھەم ئاساسلىق قەدەم دەپ تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 10 يىل مابەينىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى" تەسىرىدە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپى ئاساسەن پۈتۈنلەي خىتايچىلىشىش ۋەزىيىتىگە بېرىپ قالغان.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر چەت تىل ئوقۇتقۇچىسى، نۆۋەتتە ھەتتا ئۇيغۇر مائارىپىدىكى ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇشىمۇ پۈتۈنلەي خىتايچىلاشتۇرۇلۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان تەسىرلىرى ھەققىدە ئۆز ئەندىشىسىنى ۋە نارازىلىقنى ئىپادىلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى تەرىپىدىن "خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىل - مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى ۋە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان" دەپ كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن باشقا، خەلقئارادىكى قوش تىل مائارىپ تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىنمۇ "خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى پەقەت خىتاي تىلىدىن ئىبارەت بىر تىلنى ئاساس قىلغان شەكلى ئۆزگەرگەن ئىلمىي بولمىغان مائارىپ تەدبىرى" دەپ تەنقىدلەنمەكتە.
يېقىندا ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئېلان قىلغان "خەلقئارادىكى قوش تىللىق مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەۋسىيىلىرى" ناملىق ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خەلقئارادا قوللىنىلىۋاتقان "قوش تىللىق" مائارىپنىڭ شەرتلىرى "يەرلىك مىللەت بالىلىرىغا 7 - سىنىپتىن ئىلگىرى ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا تىلدا دەرس بېرىشكە بولمايدۇ. شۇنداقلا ھۆكۈمران مىللەتنىڭ تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇكەممەل قوش تىللىق ياكى كۆپ تىللىق بولۇش كېرەك..." ۋەھاكازالار.
ھالبۇكى، ھازىرغىچە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان "قوش تىللىق مائارىپ" تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ شەرتلەرگە پۈتۈنلەي ماس كەلمەيلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلارغا يەسلى مائارىپىدىن تارتىپ خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش، پەقەتلا ئۇيغۇر تىلى بىلمەيدىغان خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتكۈزۈشكە ئوخشاش ئەكسىچە تەدبىرلەر بىلەن يولغا قويۇلماقتا.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.