خىتاي، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش - تىللىق مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنى قۇرۇشنى تېزلەتمەكتە


2008.03.14

خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلى 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوش تىللىق مائارىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىش" قارارىنى ئېلان قىلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاز سانلىق مىللەت يەسلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش ھەققىدىكى " پىكرىنى تارقاتقان ئىدى.

مەزكۇر قاراردا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنىڭ ئالدىدىكى ئاڭ تەربىيىسىنى قوش تىلدا ئېلىپ بېرىش تەكىتلەنگەن بولۇپ، "ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن ئىككى يىل بۇرۇن خىتاي تىلىدا تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئاساسىي مائارىپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مائارىپ باسقۇچلىرىدا خىتاي تىلىدا مائارىپ قوبۇل قىلىش ئاساسىنى تىكلەش لازىم" دەپ كۆرسىتىلگەن.

يەسلى مائارىپىنى قوش تىللاشتۇرۇش، خىتاينىڭ 11 - بەش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2010 - يىلىغا قەدەر، قەشقەر خوتەن ئاقسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنى ئاساس قىلىپ يەتتە ئوبلاست ۋە 56 ناھىيىدە 258 مىڭ ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ئاڭ تەربىيىسىنى قوش تىل مائارىپىدا يەنى خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىشنى پىلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن بەش يىلغا بۆلۈپ 430 مىليون يۈەن ئاجرىتىدىكەن ۋە بۇ جەرياندا خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلىدىن باشلاپ ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنى خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش ۋە ناھىيە يېزىلاردىمۇ قوش تىل يەسلىلىرىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ كېلىۋاتماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قوش تىل مەكتەپ ۋە يەسلىلىرىنى قۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكرىدە" ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر بىر كەنتتە بىر قوش تىل باشلانغۇچ مەكتىپى بولسا چوقۇم بىر قوش تىل يەسلىسىنى ماسلاشتۇرۇپ قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش"نى تەلەپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2006 - يىلىدىن 2010 - يىلىغا قەدەر بولغان 11 - بەش يىللىق پىلانى بويىچە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان تەدبىرلىرى ئىشقا ئاشسا بەش يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە 56 شەھەر ھەم ناھىيىلەردىكى قوش تىللىق يەسلىلىرىدە ئاز سانلىق مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ %85 تى دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنى خىتاي تىلىدا باشلايدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن 6000 نەپەر قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىسى مەخسۇس تەربىيلىنىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدە 2006 - يىلىدىن بۇيانقى قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە قاراپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەسلى مائارىپىنى خىتايچىلاپشتۇرۇش سۈرئىتىنىڭ ئىنتايىن تېز بولىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2006 - يىلى 8 - ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدە 1000غا يېقىن قوش تىل تەييارلىق سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ 15، ئالدىنقى ئالتە يىلدىكىگە قارىغاندا 50 ھەسسە كۆپىيىپ 15 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسا، 2007 - يىلىدا قوش تىل يەسلىسى ۋە تەييارلىق سىنىپلىرىنىڭ 2982 گە يېتىپ، ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ 93مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپقا دائىر خەۋەرلىرىدىن ئاشكارلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇرلار زىچلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا قوش تىللىق يەسلىلەرنى قۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ ئاجرىتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق باغچا مائارىپى پىداگوگىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن 105 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى مەخسۇس قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدا قۇرۇلغان قوش تىل يەسلىلىرىگە تەقسىم قىلىنغان.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى تۈرلۈك ئېتىۋار بېرىش ھەم يۇقىرى تەمىناتلار بىلەن يەنىمۇ كۆپلىگەن قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېزىلاردىكى قوش تىل يەسلىلىرىگە بېرىشقا رىغبەتلەندۈرىۋاتقان ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىدىن باشلاپ خىتايچە ئۆگىتىش، مىللىي مائارىپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنىڭ ساپاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا ئاساس سالىدۇ دەپ تەشۋىق قىلماقتا. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل بالىلارغا دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنىمۇ خىتايچە ئېلىپ بېرىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشى ھەم مىللىي خاراكتېرلىرىنىڭ يېتىلىشىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسا، ئۇيغۇر مائارىپچىلىرى ھەم كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەسلى مائارىپىنى بۇ سۈرئەتتە تېز خىتايچىلاشتۇرۇشنىڭ بالىلار مائارىپى، پىداگوگىكا ئىلمىغىمۇ ياد بولغان شۇنداقلا ئەكسىچە نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلىدىغان ناتوغرا تەدبىر ئىكەنلىكىنى، بۇ خىل سىياسەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش غەرىزىدىن دېرەك بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بۇ ھەقتە ئۇيغۇر ئېلىدە پىداگوگىكا ئىلمىدا خېلى نوپۇزغا ئىگە، بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ھازىر ئامېرىكىدا بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىسى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.