قوش تىللىق مائارىپ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىدا قانداق رول ئوينايدۇ ؟ (1)

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ ھەققىدە يەنى " بالىلارغا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئانا تىلنى ئالدىدا ئۆگىتىش زۆرۈرلۈكىنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرى " دېگەن تېمىدىكى ماقالىسى " مەرىپەت " تور مەيدانىدا ھەمدە بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تور مەيدانلىرىدا ئېلان قىلىنغان.

0:00 / 0:00

ئەركىن سىدىق ئەپەندى ماقالىسىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بالىلىرىنى ھازىرقىدەك باشلانغۇچ مەكتەپ 1 ‏ - سىنىپىدىن باشلاپلا ئانا تىلىنى پۈتۈنلەي قايرىپ قويۇپ، پەقەت خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ھەمدە ھەممە دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا ئاڭلاشنى يولغا قويۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى شەرھىلەپ ئۆتكەن .

ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققى قىلغان غەرب دۆلەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغان ھالدا ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىسىنىڭ بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىشى، بىلىم ئېلىشى جەھەتتىكى تەرەققىياتىغا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى يەتكۈزۈدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان " قوش تىللىق مائارىپ " سىياسىتى ۋە ئامېرىكىدا يولغا قويۇلغان قوش تىللىق مائارىپ پروگراممىلىرى توغرىسىدا ئەركىن ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.