خىتاي يېقىنقى بەش يىلدا ئۇيغۇر مائارىپنى «قوش تىل» لاشتۇرۇشتا زور قەدەم ئالدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 11-بەش يىللىق پىلانى جەريانىدا يۈرگۈزگەن مائارىپ سىياسىتىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى ئەڭ جىددىي ئېلىپ بارغان مەزگىل بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

0:00 / 0:00

ئانا تىلدىن مەھرۇم قىلىنغان دەسلەپكى مائارىپ

بۇ يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 11-بەش يىللىق سىياسىي، ئىقتىسادى ئىستراتېگىيىسىنى تاماملاپ 12-بەش يىللىق پىلانى باشلانغان يىل. نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى 11-بەش يىل جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىگە يۈرگۈزگەن ئىستراتېگىيىلىك سىياسەتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن قازانغان نەتىجىلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلماقتا. 23-ماي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى 11-بەش يىللىق پىلان جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە «شىنجاڭ مائارىپىنىڭ 11-بەش يىلدا بېسىپ ئۆتكەن شانلىق مۇساپىسى» ناملىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مائارىپىغا قاراتقان ئىلگىرىكى بەش يىللىق سىياسەتلىرى خاتىرىلەنگەن مەزكۇر دەستۇرىنى ئېچىپ كۆرسەك «قوش تىللىق مائارىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى يىلتىزىغىچە چوڭقۇرلاشتى» دەپ يەكۈن چىقىرىلغانلىقىنى كۆرىمىز.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىغا قاراتقان 11-بەش يىللىق پىلانىنىڭ ئەمەلىيلىشىش دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 2005-يىلىدىن باشلاپ 2010-يىلىغىچە بولغان بۇ بەش يىل جەريانىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دەسلەپكى مائارىپنىڭ، بولۇپمۇ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق باغچە تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان بالىلار 371 مىڭ 600 يۈزگە يەتكەن بولۇپ، بۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپ يېشىغا يەتمىگەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت بالىلىرىنىڭ 56.5% نى ئىگىلىگەن.

خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ «قوش تىل مائارىپىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بالىلاردىن باشلاش كېرەك» دېگەن چاقىرىقى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل يەسلىلىرى قۇرۇش كۈچەيتىلىپ بەش يىل جەريانىدا پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا، كەنتلەردە جەمئىي 1695 يەردە بالىلارنى تىلى چىقىشى بىلەنلا خىتاي تىلىدا تەربىيىلەيدىغان قوش تىل يەسلىلىرى قۇرۇلغان. قوش تىل يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى 50 مىڭغا يېقىنلاشقان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 11-بەش يىللىق پىلانى جەريانىدا ئۇيغۇر ئېلىدە باغچە مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىپ بۇنى قوش تىل مائارىپىنى يىلتىزىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش دەپ ئاتىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ-تۆت ياشلاردىكى سەبىيلەرگە دەسلەپكى ئاڭ تەربىيىسىنى ئانا تىلى بولمىغان خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىشنى مەجبۇرىي يولغا قويۇشى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا ئانىلار، زىيالىيلاردا كۈچلۈك ئەندىشە ۋە نارازىلىقلارنى قوزغاپ كەلدى.

ۋەيران قىلىش بەدىلىگە ئېچىلغان يېڭى سەھىپە

خىتاي دائىرىلىرى 2012-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قوش تىل مەكتەپلىرىگە ئايلاندۇرۇپ بولۇشنى يەنى مىللىي باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋېتىشنى پىلانلىغان ئىدى، مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2005-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىللىق باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ سانى 754 بولغان بولسا 2010-يىلىغا كەلگەندە 1376 غا يەتكەن يەنى نۆۋەتتە بۇ پىلاننىڭ ئەمەلىيلىشىشى 85%ke يېقىنلاشقان. بۇنىڭ بىلەن ھازىر خىتاي سىنىپلىرىدا ياكى قوش تىل سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان خىتايدىن باشقا مىللەت بالىلىرى ئەسلىدىكى ئىككى يۈز تۆت مىڭ نەپەردىن 827 مىڭغا يەتكەن. دېمەكچى خىتاي مائارىپىدا تەربىيىلىنىۋاتقان خىتايدىن باشقا مىللەت بالىلىرىنىڭ سانى بەش يىل جەريانىدا ئۈچ قاتلانغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە يەنە، قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش داۋامىدا كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ، بەش يىلدا 210 مىڭ ئوقۇتقۇچىنى خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن قايتا تەربىيىلىگەن، باشقىدىن يەنە 12 مىڭ 223 ئوقۇتقۇچىنى باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىقىغا قوبۇل قىلغان. پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە 6000 ئوقۇتقۇچىنى ھەقسىز ئوقۇشقا ئالغان. 9مىڭ ئوقۇتقۇچىنى چەت يىراق يېزا، كەنتلەرگە خىزمەتكە ئەۋەتكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 11-بەش يىللىق پىلانى داۋامىدىكى مائارىپ ئىشلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ئېلىدە قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار سېپىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا جىددىي قارىغانلىقى، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوش تىل سەۋىيىسىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتىنىڭ 99.78% كە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، يۇقىرىقىدەك ئىسلاھاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلى ئاساسىي مائارىپىنىڭ سۈپەت جەھەتتىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەنتەنە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش جەريانىدا قانچىلىك ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قوش تىل سەۋىيە ئىمتىھانى ئارقىلىق شاللىنىپ خىزمىتىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. لېكىن رادىئومىزغا كەلگەن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇخبىرلىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىكى بايانلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتقان قوش تىل مائارىپىدىكى شانلىق نەتىجە دەپ كۆرسىتىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە مىڭلىغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ۋە زىيالىيلارنىڭ كۆز ياشلىرى، ناھەق كەمسىتىشكە ئۇچرىشى، نارازىلىقلىرى، ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشى بەدىلىگە كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

خىتاينىڭ نىشانى بۇلا ئەمەس

خىتاي ھۆكۈمىتى 11-بەش يىللىق ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش خىزمىتىدە شانلىق نەتىجە يارىتىپ، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچلۈك ئاساس سېلىنغان تارىخىي بىر سەھىپە ئاچقانلىقىنى يەكۈنلىگەن. شۇنداقلا 12-بەش يىللىق پىلان داۋامىدا قوش تىللىق مائارىپنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئىلگىرى تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەر كەلگۈسى بەش يىلدا مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 8 مىليارد 222 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىدىكەن، بۇ 19 خىتاي ئۆلكە، شەھەرنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا ئۇيغۇر ئېلىگە سالىدىغان ياردەم بېرىش ئومۇمىي مەبلىغىنىڭ 12.87% ئىگىلەيدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايدىن باشقا مىللەت بالىلىرى يەسلىدىن باشلاپ پۈتۈنلەي خىتاي تىلى مائارىپىدا تەربىيىلىنىدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش پىلانغا كىرگۈزۈلگەن. شۇنداقلا بۇنى ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى دەپ كۆرسەتكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئامېرىكىدىكى ئالىم ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋە قەشقەرنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى قوش تىل يەسلى مۇئەللىمىنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئىپادىلىگەن ئەندىشىلىك بايانلىرىنى ئاڭلىغايسىلەر.