قوش تىللىق مائارىپمۇ ياكى بىر تىللىق مائارىپمۇ؟


2006.11.06

xinda-xitay-tili-200.jpg
"شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى" نىڭ بىر تېمىغا ئېسىلغان تەشۋىقات تاختىسى. ئۈستىدىكى قۇردا "دۆلەت بايرىقىنى سۆيۈپ، دۆلەت شېئىرىنى ئوقۇپ، پۇتۇنغۇئادا سۆزلىشەيلى" دېگەن سۆزلەر، ئاستىدىكى قۇردا "ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىل – يېزىق خىزمىتى كومىتېتى نازارەتچىلىكىدە ياسالدى" دېگەن سۆزلەر يېزىلغان.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ دېجۇڭ نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە قوش تىلدا دەرس ئۆتىلىدىغان سىنىپلارنىڭ 5000 غا، ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 150 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، قوش تىلىنى يولغا قويۇشتا ئۈرۈمچى شەھىرى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

قوش تىللىق سىناق سىنىپلىرىنىڭ سانى تىز ئاشماقتا

ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قوش تىللىق سىناق سىنىپلىرىنىڭ سانى 222 گە ئوقۇغۇچى سانى 7600 گە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكتە ئوقۇيدىغان "مىللىي-خەنزۇ قوشما مەكتەپلىرى" نىڭ سانى كۆپىيىپ، 100 گە يەتكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بەرگەن خەۋىرىدە مەكتەپلەردىكى قوش تىللىق مائارىپىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن خىتاي بولمىغان ئوقۇتقۇچىلارنى مەخسۇس خىتاي تىلىدا تەربىيىلەش پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، تەربىيىلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇرۇنقى ياش چەكلىمىسى 35 ياشتىن 40 ياشقا كۆتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

"قوش تىل مائارىپى" ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلى مائارىپى

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، "قوش تىللىق مائارىپ "سىياسىتى پەقەت خىتاي ئەمەس مىللەتلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ بۇرۇنقى "مىللىي مائارىپ" ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشكە قاراپ يۈزلەنگەن. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىللىي – خەنزۇ قوشما مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر سىنىپلىرىدا دەرسلەر خىتاي تىلىدا ئۆتۈلۈشكە بۇيرۇق بېرىلسىمۇ، لېكىن خىتاي بالىلىرى ئوقۇيدىغان سىنىپلارغا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەسمىي تىلى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلى دەرسى كىرگۈزۈلمىگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن، ئامېرىكىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر يۇقىرى دەرىجىلىك زىيالىينىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ دېگىنى ئەمەلىيەتتە خىتاي تىللىق مائارىپتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭدا ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈلۈشى، تىل-ئەدەبىيات دەرسىدىن باشقا بارلىق تەبىئىي پەن ھەم ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرىنىڭ خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نەزەرگە ئېلىنىدىكەن. خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتەلمەيدىغان ئوقۇتقۇچى لاياقەتسىز ھېسابلىنىپلا قالماستىن ھەتتا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە مۇئاۋىن سېكرىتارى نۇر بەكرى قاتارلىقلار قوش تىللىق مائارىپنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ۋاڭ لېچۈەن "مىللىيلارنىڭ خەنزۇ تىلى بىلمىسە ئىشقا ئورۇنلىشالمايدىغانلىقى، بۇنىڭغا باشقا ئامال يوقلىقىنى" ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، قوش تىللىق مائارىپنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەخمەتجان ئوسماننىڭ قارىشىچە، خىتاي قوش تىللىق مائارىپىنىڭ تۈپ مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ، ئېڭى ئۆزگەرتىپ، ئاخىرىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مائارىپىغا يول قويماقتا

ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىللىق مائارىپ مەسىلىسىگە نىسبەتەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن بىرى، قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ غوجا ئەخمەت سادۋاقوسوپ نامىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي خادىمى، تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى دىلىنۇر قاسىموۋا خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلىرى ئاساسىدا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوش تىللىق مائارىپ ئەمەس بەلكى خىتاي تىلىدىلا ئوقۇتۇش تەلەپ قىلىنىدىغان بىر تىللىق مائارىپ يولغا قويۇلۇش تەشەببۇس قىلىنماقتا" دېدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان بىلەن خىتاينىڭ مىللىي مائارىپ سىياسىتىدە ئورتاقلىق ۋە پەرقلىق تەرەپلەر مەۋجۇت بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە نىسبەتەن قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى يۈرگۈزمىگەن. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بارلىق دەرسلەر پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇتۇلىدۇ. قازاق تىلى، رۇس تىلى قاتارلىقلار پەقەت بىر دەرس سۇپىتىدە ئۆتۈلىدۇ.

قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن پەقەت قازاق تىلىدىلا ئوقۇشى كېرەك دەيدىغان ئۆلچەمنى قويمىغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلار قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىل –يېزىق، مائارىپ سىياسىتىنى ئۆزلىكىدىن قوللاپ، قايسى تىلدا مائارىپ تەربىيىسى كۆرۈشنى ئۆزلىرى بەلىگىلەيدىكەن.

قازاقىستاندا رەسمىي مەلۇماتلار بويىچە 300 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇر ياشايدۇ. قازاقىستاندا ئۇيغۇر زامانىۋى مائارىپىنىڭ پەيدا بولغانلىقىغا 100 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، مەيلى مۇستەبىت دەپ تەنقىدلىنىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرى بولسۇن ۋە ياكى ھازىرقى قازاقىستان بولسۇن بۇ ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپىغا يول قويغان ھەم ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇيغۇرلارنى رۇس تىلىدا ياكى قازاق تىلىدا مائارىپ تەربىيىسى "ئال دەپ" مەجبۇرلىمىغان.

قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قايسى تىلدا ئوقۇشنى مەجبۇرىي ئەمەس بەلكى ئىختىيارى تاللايدۇ

نۆۋەتتە، قازاقىستاندا 60 غا يېقىن ئۇيغۇر مەكتىپى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مەكتەپلەر قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن يالغۇز ئۆز ئانا تىلىدا ئوقۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۆلەت تىلى بولغان قازاق تىلى، مىللەتلەر ئارا تىل رۇس تىلىنى ھەمدە خەلقئارالىق تىل سۇپىتىدە ئىنگىلىزچە ياكى باشقا بىر ياۋروپا تىلىنى ئۆگىنىدىكەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۆت تىللىق بولۇپ يېتىشىدىكەن. دىلىنۇر قاسىموۋانىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئەھۋال دۆلەت سىياسىتى تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى پۇقرالارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن تاللىشى ئاستىدا مەيدانغا كەلگەن.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بەش يىل ئىچىدە 400 مىليون يۇئەن مەبلەغ سېلىپ، ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر، ئىلى قاتارلىق ۋىلايەت ھەم ئوبلاستلاردىكى 1009 مەكتەپتە قوش تىللىق ئوقۇتۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.