نەنچاڭ شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان 'شىنجاڭ سىنىپى' ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلىرىگە چوشقا گۆشى يېگۈزۈلگەنلىكىنى بايقىغان

خىتاينىڭ نەنچاڭ شەھىرىدە ئوقۇۋاتقان "شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى" دىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆتكەن ھەپتە ئۆز تامىقىدا بايقالغان چوشقا گۆشى سەۋەبلىك ئاچلىق ئېلان قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.11.09
uyghur-boway-305.jpg ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﯞﺍﻱ.
RFA Photo

مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئاچلىق ئېلان قىلىش ۋەقەسىنى رەت قىلمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىغا چوشقا گۆشى ئارىلىشىپ قېلىش ۋەقەسىنى "پەقەت بىر تاسادىپىيلىق" دەپ كۆرسەتتى.

بىزگە بۇ ھەقتە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە ئۆتكەن جۈمە كۈنى خىتاينىڭ جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى نەنچاڭ ناھىيىسىدىكى "ليەنتاڭ" 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن.

مەزكۇر مەكتەپتىكى "شىنجاڭ سىنىپى" 2008 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ سىنىپقا ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

خەۋەر يەتكۈزگۈچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەزكۇر مەكتەپتىكى "شىنجاڭ سىنىپى" ئوقۇغۇچىلىرى چوشقا گۆشىدە ئېتىلگەن مانتا يەپسالغانلىقىنى ھېس قىلىشقان ۋە دەرھال تاماق تاشلاپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مائارىپ ئىدارىسىدىكى نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇغۇچىلار ئۆز تامىقىغا ئارىلىشىپ قالغان مانتىنى تېخى يېمەستىنلا بايقاپ ۋەقەگە ئېتىراز بىلدۈرگەن.

ئۆزىنىڭ مەزكۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى قول تىقىپ ھەل قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بۇ خادىم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تامىقىغا چوشقا گۆشى ئارىلىشىپ قېلىش ۋەقەسى تاسادىپىي يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشلىرى قايىل قىلارلىق ئەمەس ئىدى.

بىزگە كەلگەن تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، ۋەقە مۇنداق يۈز بەرگەن. ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن، بەزى ئوقۇغۇچىلار بىئاراملىق ھېس قىلغان ۋە بەزىلىرى ئاغرىغان. بۇ بىنورماللىقتىن گۇمانلانغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرگەن ۋە تاماققا قانداق گۆش ئىشلىتىلگەنلىكىنى سورىغاندا، ئاشپەزلەر پەرۋاسىزلا "بىز ئەزەلدىن چوشقا گۆشى ئىشلىتىمىز" دەپ جاۋاب بەرگەن.

ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن بىئارام بولغان ۋە ئاچلىق ئېلان قىلىپ، دەرھال مەكتەپ دائىرىلىرىدىن بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ "مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ - ئادىتىگە قىلىنغان ھاقارەت" ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ۋە ئۆزلىرىگە ئۇيغۇر ئاشپەز ئەكىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ھالبۇكى، مەكتەپ دائىرىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارغا بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ئىشىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى، ھەتتا ئاتا - ئانىسىغىمۇ دېمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

مەكتەپ دائىرىلىرى يەنە "كىمىكى بۇنى سىرتقا يايسا، مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ" دەپ ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت سالغان.

قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى مائارىپ ئىدارىسىدىكى يۇقىرىقى خادىم ئوقۇغۇچىلارغا تەھدىت سېلىش ئىشىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئاتۇش تەۋەسىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا مۇسۇلمان ئاشپەز ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
 
نۆۋەتتە، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن كېلىپ، " ليەنتاڭ" 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىدە " شىنجاڭ سىنىپى" ئوقۇغۇچىلىرىغا مەسئۇل بولۇپ تۇرۇۋاتقان لى فامىلىلىك خانىمنىڭ ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدىكى بايانى يۇقىرىدىكى ئۇيغۇر كادىرنىڭ بايانلىرىدىن خېلىلا پەرقلىق.

لى خانىم ئاتۇشتىكى 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سېكرېتارى. ئۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىنى مۇنداق بايان قىلدى:

 - ئۇ ئىش مۇنداق بولغان. ئەتىگەنلىك تاماق ۋاقتىدا، بىزنىڭ يېنىمىزدىكى لېفىت بۇزۇلۇپ قاپتىكەن. بۇ بىنا 3 قەۋەتلىك بولغاچقا، بۇ لېفىتتا نەرسە - كېرەك ۋە يېمەك - ئىچمەك توشۇلاتتى. ئوقۇتقۇچىلار ئاشخانىسىغا مانتا ئېلىپ ماڭغان لېفىت ئىككىنچى قەۋەتكە كەلگەندە توختاپ قاپتۇ. بۇ ئاشخانىدىكى خىزمەتچى خادىم مانتىلارنى بىزنىڭ ئوخشايدۇ دەپ ئېلىپ كەپتۇ. چۈنكى بىزگە بەزىدە مانتا بېرەتتى. كۆكتات مانتىسى، تۇخۇم مانتىسى دېگەندەك. مانتا كەلگەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار مانتىنىڭ چاتاقلىقىنى بايقاپتۇ.

‏ - ئوقۇغۇچىلار قانداق بىلىپتۇ؟ ئۇلار مانتىنى يەپتىمۇ؟ ئاڭلىساق، ئوقۇغۇچىلار مانتىنى يېگەندىن كېيىن ئاغرىپ قالغان. ئۇلار ئاشخانىغا كىرىپ نېمە گۆش ئىشلىتىلگەنلىكىنى سورىغاندا ئاشپەز دائىم چوشقا گۆشى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

‏ - ياق قەتئىي ئۇنداق ئەمەس. بۇ ھەقىقەتنى بۇرمىلىغانلىق. شۇ ئەتىگەندە مانتا كەلگەندىن كېيىن، بەزىلەر مانتىنى ئاپتۇ، بەزىلەر مانتىنى ئوشتۇپ قارىسا، مانتىنىڭ كۆكتات مانتىسى ئەمەسلىكىنى بايقاپتۇ ۋە ئاشپەزگە كىرىپ دېگەندىن كېيىن، ئاشپەزمۇ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ.

بۇ مەكتەپ ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا مەكتەپ "شىنجاڭ سىنىپى" غا 2008 - يىلدىن باشلاپ يىلىغا 100 دىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان.

نۆۋەتتە مەزكۇر سىنىپتا ئۇيغۇر ۋە قىرغىز ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىن ئېلىپ كەلگەن 300 ئوقۇغۇچى بار ئىكەن.

لى فامىلىلىك خىتاي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئاشخانا قۇرۇلغاندىن بۇيان ئاشخانىدا خىتاي ئاشپەز ئىشلەپ كەلگەن، ئەمما ئاشخانىدا كالا گۆشى ۋە توخۇ گۆشى ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇنداق بولسىلا ئاشخانا " ھالال" ياكى "مۇسۇلمانچە" بولۇۋېرىدىكەن.

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئىلاھىيەتشۇناسلىق دوكتورى ئاتاۋۇللا شاھيارى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاشخانىنى " مۇسۇلمانچە" دەپ ئاتاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاشخانا مۇدىرى مۇسۇلمان بولۇشى كېرەك ئىكەن.

رادىئومىز بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر - قىرغىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە كۆپ تىرىشقان بولساقمۇ، تەپسىلىي ئۇچۇر ئىگىلەشكە مۇمكىن بولمىدى.

قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مائارىپ ئىدارىسىدىكى بۇ ئىشقا مەسئۇل ئۇيغۇر خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلېفونلىرى يىغىۋېلىنغان.

ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېلېفونلىرىنى يىغىۋېلىش بەلگىلىمىسىگە كۆرسەتكەن سەۋەبلىرى ئەقىلگە مۇۋاپىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما مۇشۇنداق شارائىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىرت بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىنىڭ ئۈزۈۋېتىلىشى گۇمان قوزغىماقتا.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.