'قۇدرەتلىك بومبا'

ئامېرىكىدا چىقىدىغان n+1 ناملىق ژۇرنالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە دائىر "قۇدرەتلىك بومبا" دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. مۇخبىر ماقالىسىنى ئۈرۈمچىدە نامايىشقا بىۋاستە قاتناشقان ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئېلىپ بارغان مەخپىي سۆھبىتىگە ئاساسەن يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، ئۇلارنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئوي - پىكىرلىرىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.10.29
Sheksiz-bomba-urumchi-uyghur-eli-5-iyul-weqesi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 'ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻣﺒﺎ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
http://nplusonemag.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

"قۇدرەتلىك بومبا" ناملىق بۇ ماقالە نىك خولدستوك ئىسىملىك مۇخبىر تەرىپىدىن يېزىلغان. ئۇ ماقالىسىنىڭ بېشىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونى، ئۇنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن 2009 - يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىدۇ. ئۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە تېررورچىلار قىلدى دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا خىتايلارنىڭ دىنىي، مىللىي كەمسىتىشىگە ئۇچراۋاتقانلىقى، مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسز قالدۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

نىك خولدستوك، 5 - ئىيۇل ۋەقەسىگە دائىر نۇرغۇن گۇمانلارنىڭ ۋە ئېقىپ يۈرگەن ھەرخىل گەپ - سۆزلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

-- تىنچ باشلانغان بۇ نامايىش قانداق بولۇپ قانلىق بىر ۋەقەگە ئايلىنىپ كەتتى، نېمىشقا خىتاي ساقچىلىرى 7 - ئىيۇل كۈنى كوچىغا چىققان خىتايلارنى توسىمىدى. مەن ئىلگىرى ئۇيغۇر رايونىدا 7 يىل تۇرغان بېرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كونا ئۇيغۇر تونۇشلىرىمدىن بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلدىم. لېكىن ئارىدىن خىلى يىللار ئۆتۈپ كەتكەچكە ۋە بۇ يەردە ئىنتېرنېتلار كېسىۋېتىلگەچكە كونا تونۇشلۇرۇم بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا پۇرسەت بولمىدى. مەن كوچىلاردا، ئاشخانىلاردا كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشكە تىرىشقان بولساممۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمىدىم. مەن بىر ھەپتە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا پەقەت ھەربىي ئاپتوموبىللارنى ۋە ھەممە يەرگە يامراپ كەتكەن ساقچىلارنى رەسىمگە تارتىشتىن باشقا نەتىجە ھاسىل قىلالمىدىم. مەن ئاستا - ئاستا ئۈمىدىمنى يوقىتىشقا باشلىغان ئىدىم. بىر كۈنى مەن چۈشتە تاماق يىگىلى "كېنتاكىي" تېز تاماقخانىسىغا كىرىپ تاماق يەپ ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز بىرى ماڭا "سىز توخۇ گۆشىنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز ‏ - دە؟ " دېدى. مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىمدا 20 نەچچە ياشلاردىكى بىر ئۇيغۇر بالىنى كۆردۈم....

ئۇ بالا مېنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆزەمنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكىمنى ۋە خىتاي ھەققىدە ماقالە يازىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئادەتتە مەن بۇنى باشقىلارغا دېگىنىمدە باشقىلار ئۈركەتتى. ئەمما، ئۇ بالا ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا "ئۇنداقتا سىزنىڭ ۋاقتىڭىز بارمۇ" دېدى. مەن سەل تەمتىرەپ قالدىم. ئەمما، ئۆزەمنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق كىشى بىلەن سۆزلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىمنى ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىگە قوشۇلدۇم.

مۇخبىر ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئالىم دەپ تونۇشتۇرغان بۇ بالا بىلەن كۆرۈشىدىغان ۋاقىت ۋە ئورۇننى دېيىشىپ قويغاندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كەلگەنلىكى، ئەتراپتا نۇرغۇن ساقچىلارنىڭ بارلىقىنى ۋە ئالىمنىڭ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ شىۋىرلىغان ھالدا "ماڭايلى" دەپ ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئالىمنى ئەگىشىپ ماڭغان جەريانلىرىنى ئىنچىكلىك بىلەن بايان قىلىدۇ. ئۇ ئالىمنىڭ ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن، ئالىم بىلەن شياۋگۈەن ۋەقەسى ۋە ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە سۆزلەشكەنلىكىنى بايان قىلغان بولۇپ، ئالىم مۇخبىرغا ئىچكىرىگە ئۇيغۇر ياشلارنى يۆتكەش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن.

مۇخبىر بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: "ئالىم ماڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىز - ئوغۇللىرىنى ئىچكىرىگە مەجبۇرىي ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا مەن ئىنتايىن ھەيران قالدىم. مەن ئۇلار بۇنىڭغا مەجبۇرلىنامدۇ دېدىم. ئالىم ماڭا ھۆكۈمەتنىڭ بالىلىرىنى ئەۋەتىشكە قوشۇلمىغانلارنى جەرىمانە ۋە باشقا جازالار بىلەن جازالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى ۋە -- ئۇلار بىزنى ئايرىۋەتمەكچى. بۇ زاۋۇتتا 8000 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشلەيدۇ. شياۋگۇەندىكى ۋەقەدە 17 ئۇيغۇر ئۆلدى. لېكىن ھۆكۈمەت ئاران ئىككى دەپ كۆرسەتتى. ساقچىلار ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنى توسىمىدى. ھېچكىمنى تۇتمىدى. ئۇلار ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۆلسە ھېچ گەپ ئەمەس -- دېدى."

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، ئالىم ئۇنىڭغا شياۋگۇەن ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا قاتتىق نارازى بولغانلىقى، پۈتۈن ياشلارنىڭ كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىش جەريانلىرىنى ئېيتىپ بەرگەن.

ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: "ئالىم ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا ۋەقەنى بايان قىلىۋاتاتاتتى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: -- بىز تىنچ نامايىشقا چىقتۇق. لېكىن بىر ساقچى تۇيۇقسىز نامايىشقا چىققان قىزلارنىڭ بىرىسىنىڭ كۆكسىگە ئۇرۇشقا باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن بىز غەزەپلىنىپ ۋاقىراشقا باشلىدۇق. كېيىن ئاپتوموبىللاردا قوراللىق قىسىملار كەلدى. ئۇلار خۇددى ئۇرۇشقا كەلگەندەك قوراللانغان ئىدى. بىز بۇنى كۆرگەندىن كېيىن تېخىمۇ غەزەپلەندۇق. ئاندىن بىزمۇ قولىمىزغا تاشلارنى ئېلىپ ئېتىشقا باشلىدۇق."

مەن ئالىمدىن، تىنچلىق نامايىشىنى كېيىن جەمئىيەتتىكى ئىشسىز ئۇيغۇرلار قالايمىقانچىلىققا ئايلاندۇرۇۋەتتى دەيدىغان كۆز قاراش بارلىقىنى، بۇنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى سورىغىنىمدا ئۇ ماڭا بۇ ۋەقەنى پەقەتلا ئىقتىسادىي سەۋەبلەر بىلەن كېلپ چىقتى دېيىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېيتتى. ئۇ، "قالايمىقانچىلىقنىڭ بىر قىسمىنى ئۇلار قىلدى. لېكىن ئۇلار بولمىغان تەقدىردىمۇ بەرىبىر شۇنداق بولار ئىدى. چۈنكى ئىشنىڭ ئىچىدە سەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر بار،" دېدى.

مەن ئالىمغا بۇ نامايىشنىڭ خىتايلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغانلىقى توغرىمۇ، دەپ سورىدىم. مەن ئۇنى بۇنى رەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما، ئۇ ئەكسىچە، "بۇ توغرا، شۇ كۈنى نۇرغۇن خىتايلار ئۆلدى. لېكىن 90 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرمۇ ئوخشاشلا ساقچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. ئەمما، ئۇلار بۇنى تېلېۋىزىيىدە دېمەيدۇ. ئۇلار پەقەتلا ئۆلتۈرۈلگەن خىتايلارنىلا كۆرسىتىدۇ. مەن شۇ كۈنى بىر خىتاينى ئۇرۇۋاتقان ئىككى دوستۇمنى بولدى قىلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويماڭلار، دەپ توسۇۋالغان ئىدىم. لېكىن، مەن شۇ كۈنى نىمىشقا شۇنداق قىلغاندىمەن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى 7 - ئىيۇل كۈنى خىتايلار قوللىرىغا پىچاق ‏ - توقماقلارنى كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئىدىيەمدە ئۆزگىرىش بولدى،" دېدى.

ئاپتور ماقالىسىدە 7 - ئىيۇل كۈنى خىتايلارنىڭ ئارىسىغا ساقچىلارنىڭ قوشۇلۇپ بىللە چىققانلىقى، ساقچىلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلاردىن قىساس ئېلىشقا قاتناشقانلىقىغا دائىر گەپ - سۆزلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئالىمدىن بۇنى سورىغىنىدا ئالىمنىڭ ئۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقى، ۋە بۇنىڭ توغرىلىقىغا دائىر بەزى كۆرۈنۈشلەرنى ئۆزىگە كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئاپتور تۆمۈر توقماقلار بىلەن قوراللانغان بۇ خىتايلارنىڭ خۇددى بىر يەردىن بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغاندەكلا كۆرۈنىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.

ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسەتلىرىدىن قاتتىق نارازى ئىكەنلىكى ۋە ئۇ يەردىكى بېسىم ھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭ قارىشىمچە، نامايىشقا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپى ئورۇنلۇق. نامايىشنىڭ كېيىن بېرىپ قانلىق ۋەقەگە ئايلىنىپ كېتىشى ھەرگىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلۇق سەۋەبلىرىنى يوققا چىقىرالمايدۇ."
 
ئالىم ماڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى مۇنداق دەپ سۈرەتلەپ بەردى: "نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەن سىياسەتكە ئارىلاشمىساملا ماڭا ھېچنىمە بولمايدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بىز كۈچلۈك ئەمەس. ئەگەر سىزنىڭ ۋىجدانىڭىز بولسا، سىزگە بۇ يەردە پەقەتلا ئۈچ يول بار، ياكى سىەن ئۆلىسەن، ياكى قامىلىسەن، ياكى چەتئەلگە قاچىسەن."

مەن ئالىمدىن بۇ نامايىشتىن كېيىن قانداق ئۆزگىرىش بولدى، دەپ سورىغىنىمدا ئۇنى چوقۇم شەھەرنى قاپلاپ كەتكەن مىڭلىغان ساقچىلاردىن سۆز ئاچىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما، ئۇ مېنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكسىچە، "ئۆزگىرىش؟ ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش، نۇرغۇن خىتايلار ھازىر بىزگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇلار بىزدىن قورقىدىغان بولدى. چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ كۈچىمىزنى كۆردى،" دېدى.

ئالىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسى ھازىر تۈرمىدە ئىكەن. ئۇنىڭ دوستىنىڭمۇ ئىنىسى تۈرمىدە ئىكەن. ئۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سەۋەبسىز تۇتۇپ ئۇلارنى نەچچە ئاي سولاپ قويىدىغانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، مۇخبىر ئالىم بىلەن سۆھبەت قىلىۋاتقاندا، ئالىمنىڭ يەنە بىر دوستىمۇ كەلگەن ۋە سۆھبەتكە قاتناشقان. ئالىم ئۇ بالىنى مۇخبىرغا، "مېنىڭ بۇ دوستۇم نۇرغۇن كىشىلەرنى تەشكىللىيەلەيدۇ، مەن ئۇنىڭغا يەنە نامايىش قىلايلى دېسەم، ئۇ، "پايدىسى يوق" دەيدۇ دەپ تونۇشتۇرغان.

ئاپتور سۆزىنى داۋام قىلىپ ئالىم بىلەن ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

ئالىم ماڭا: "بىزگە بىرلا يول بار. ئۇ بولسىمۇ ئۇرۇش قىلىش. ئەگەر مەندە يۈز ياكى مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرىدىغان بومبا بولسىدى، مەن ئۇنى پارتلاتقان بولاتتىم. ياكى بىزدە كالاشنىكوپى بار 1000 ئۇيغۇر بولغان بولسا، ئاندىن ئۇلار مىڭدەك خىتاينى ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىدى، بۇ ئىش ھەل بولغان بولاتتى،" دېدى.

ئۇ بۇنى دەۋاتقاندا ھاياجاندىن نەپسى يېتىشمەي قېلىۋاتاتتى. دەل شۇ چاغدا ئالىمنىڭ دوستى سۆزگە قوشۇلدى. ئالىم ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ماڭا تەرجىمە قىلىپ بەردى.

ئالىمنىڭ دوستى: "بىز ھەممىمىز ئافغانىستانغا بېرىشنى ئارزۇ قىلىمىز. ئۇ يەرگە بېرىپ كامپقا قاتنىشىپ، بىر ‏- ئىككى يىل شۇ يەردە تەربىيىلىنىپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. مىڭدەك كىشى تەربىيىلىنىۋالساق دەپ ئۈمىد قىلىمىز. بىز پەقەت مىڭ خىتاي ئۆلتەرسەكلا قالغان خىتايلار ئۆزلىكىدىن كېتىدۇ."

-- ئەگەر ئۇنداق بولمىسىچۇ، دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭغا.

-- مەنچە ئۇلار ئاساسەن كېتىدۇ. ئەگەر كەتمىسە يەنە مىڭنى ئارتۇق ئۆلتۈرىمىز. ئاندىن ئۇلار كېتىدۇ. چۈنكى خىتايلار بەك قورقۇنچاق.

-- سەنچە ئادەتتىكى خىتاي پۇقراسى بىلەن خىتاي ھەربىيلىرى ئارىسىدا پەرق يوقمۇ؟

-- ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر رايونىدا تۇرۇۋاتقان ئىكەن، ئۇھالدا ئۇ بىر گۇناھكار. پەقەت ئۇششاق بالا ياكى ئايال كىشىلەرنىڭ سىرتىدا ھەممىسى گۇناھكار.

-- سەن بۇنداق قىلساڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ چاتاق بولسىچۇ؟

-- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاللىقاچان چاتاق بوپقالغان. ئۇلار بىر كۈندە ئۈچ ۋاق قۇرۇق نان يەيدۇ.

-- ئەگەر خىتايلار ئۇيغۇرلارغا قايتۇرما زەربە بەرسىچۇ؟

-- ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار. ئۇلار ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، مىڭلارچە ئۇيغۇرنىڭ بۇ يولدا قۇربان بولۇشى ھېچگەپ ئەمەس ئىدى. مەن ئالىمغا نۇرغۇن سۆز قىلىپ، ئەگەر ئۇلار بۇنداق يولنى تاللىسا خەلقئارا جەمئىيەتتە قوللاشقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭمۇ بۇنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.

ئۇ ماڭا جاۋابەن:

-- ئامېرىكا بىزگە ياردەم قىلامدۇ ؟ ئۇلار تىبەتكە ياردەم قىلدىمۇ؟ ئۇلار خىتايغا بىر نەرسە قىلىشتىن قورقىدۇ، دېدى.

مەن بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ گېپىگە رەددىيە بېرىشكە ئامالىسز قالدىم. چۈنكى بۇ يەردە بولۇۋاتقان بۇ بېسىمغا قارشى باشقا بىر ئامالمۇ يوقتەك كۆرۈنۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈسىتىگە خىتاينىڭ تىبەتتىكى سىياسىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشتە ئۈنۈمى بولمىغان ئىدى.

ئاپتور ئالىمنىڭ دوستى بىلەن بولغان سۆھبىتىنىڭ داۋامىنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:

ئالىمنىڭ دوستى قولىغا قەلەم ئېلىپ ئۈچ ئوق سىزىپ تۇرۇپ، ماڭا بۇ يەردە ئۇيغۇرلارغا ئۈچ يول بارلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: "بىزگە بۇ يەردە ئۈچلا يول بار. بىرىنچىسى، چەتئەللەردىن ياردەم ئېلىش، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە بېرىتانىيىدىن ياردەم ئېلىش. لېكىن بۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى ھېچكىم خىتايغا چېقىلىشنى خالىمايدۇ. ئىككىنچىسى، تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىش، ھۆكۈمەتكە يېقىنلىشىپ، ئۇلاردىن بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىش. ئۈچىنچى يول بولسا، تالىبان. 2010 - يىلى ھېچ ئىش يۈز بەرمەيدۇ. ئەمما 2011 - يىلى سەن چوقۇم بۇ يەرگە يەنە كەلگىن. كەلسەڭ، چوقۇم بىر ئىش بولغىنىنى كۆرىسەن."

ئۇ قەلەمنى قويۇپ كەينىگە يۆلۈنۈپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىدە بىر خىل رىقابەت باردەك، خۇددى مېنىڭ رەددىيە بېرىشىمنى كۈتۈۋاتقاندەك قىلاتتى. لېكىن مەن گەرچە ئۇنىڭ تېررورلۇق ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىسەممۇ، ئەمما مەندە ئۇنىڭغا رەددىيە بەرگۈدەك باشقا سۆز قالمىغان ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
 
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.