ئوتتۇرا ئاسىيادا ساقلىنىۋاتقان قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ قەدىمى تۇنجى نۇسخىسى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2008.09.19
2008.09.19
ئىستانبۇل توپقاپى سارىيىدا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا كۇتۇبخانىلىرىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىسلامىي يادىكارلىقلار بۇنىڭ مىسالىدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلېتىپ ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇلېتىپ ھاجىم ئوتتۇرا ئاسىيادا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ قەدىمى قۇرئان نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: " ئۆزبېكىستانلىق مەشھۇر يازغۇچى ئابدۇللا قادىر "تاشپولات تاجاڭ نېمە دەيدۇ؟ - گالۋاڭ مەھزۇمنىڭ خاتىرە دەپتىرىدىن" ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ:" 15 - ئەسىردە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ نوپۇزلۇق نامايەندىلىرىدىن تاشكەنتلىك خوجا ئۇبەيدۇللا ئەھرار ۋەلى كىچىك ئاسىياغا قىلغان بىر سەپىرىدە ئۇنىڭ تىببىي ئىلىمدىن خەۋىرى بولغان ھەمراھ شاگىرتى بىمار بولۇپ ياتقان مەملىكەت پادىشاھىنى كېسەلدىن ساقايتىدۇ ۋە پادىشاھ بۇنىڭ بەدىلىگە تېۋىپنىڭ تىلىكى بويىچە مەملىكىتىدە ساقلىنىۋاتقان، 647 - يىلى 3 - خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئاففاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن توپلىنىپ كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ تۇنجى نۇسخىسى "مۇسھەفى ئوسمان"نى سەيياھ مېھمانلارغا تەقدىم قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ " مۇسھەفى ئوسمان" تەخمىنەن 1480 - يىلىدا سەمەرقەنتكە ئېلىپ كېلىنىدۇ"( ئەمىر تۆمۈر باغداتنى ئىشغال قىلغاندا بۇ قۇرئاننى باغداتتىن ئېلىپ كەلگەن دېگەن قاراشمۇ).سەمەرقەند رۇسىيە پادىشاھلىقى تەرىپىدىن ئىستىلا قىلىنغاندىن كېيىن بۇ قۇرئان 1869 - يىلى گېنېرال كائۇفماننىڭ بۇيرۇقى بىلەن پېتېربۇركقا ئەۋەتىلىدۇ ۋە 1918 - يىلىغىچە پېتېربۇركتا ئىمپېراتور كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىدۇ. شۇ يىلى يانۋار ئايدا بۇ قۇرئان پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى جەمئىيىتىنىڭ تەلىبى بىلەن تاتار مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىختىيارىغا بېرىلىپ ئۇپا شەھىرىدە مەخسۇس كۈتۈپخانىدا ساقلىنىدۇ.









