ئايەم كۈنلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى باشقىچە خۇشاللىققا چۆمىدۇ، جاپاكەش ئانىلارنىڭ قوللىرى بىلەن ھەممە يەر گۈل پۇرايدۇ، ئانىلىرىمىز پۈتۈن ئائىلىنىڭ ھېيت شادلىقى، ھېيت داستىخىنى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز جاپا چېكىپ ھېيت تەييارلىقى قىلىدۇ. ۋەتەندىن ئايرىلىپ ھىجرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىمۇ بۇ كۈنلەردە ئەينى شۇنداق.
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە ئانىمۇ بۇ ئايەم كۈنلىرىدە ھېيت تەييارلىقىنى ئۆز قولى بىلەن قىلماقتا شۇنداقلا ئۇ يەنە بېلگىيىدىكى كۆچمەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەتە يەنى ھېيت كۈنىدىكى سەپەر تەييارلىقىنىمۇ بىللە قىلماقتا. رابىيە قادىر خانىم بۇ ھېيتنىمۇ ئامېرىكىدىكى بالىلىرى ۋە نەۋرىلىرى بىلەن ئۆتكۈزەلمەيدىغان بولغاچقا، ھېيتتىن بىر كۈن بۇرۇن يۈرەك پارىلىرى، نەۋرىلىرىگە تەييارلىغان ھېيتلىقلىرىنى يولدىشى سىدىق ھاجىغا بىر-بىرلەپ تاپىلاپ تاپشۇردى-دە، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىگە جاۋابەن، ئۇيغۇر خەلقىگە قۇربان ھېيتلىق تىلەكلىرىنى بايان قىلدى.