ئۇيغۇرلاردا قۇربان ھېيت ۋە قۇربانلىق قىلىش ئەنئەنىسى

قۇربان ھېيت ئۇيغۇرلارنىڭ مىلىي ۋە دىنى بايرام كۈنى بولۇپ، بۇ كۈندە چوڭ - كىچىك ھەممە بىرگە شاتلىققا تولىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بىرى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى بىر - بىرى بىلەن كۆرىشەلمىگەنلەر، ئىزدىشەلمىگەن، ئارىدا رەنجىش يۈز بېرىپ بىر - بىرىگە قاراشمايدىغانلار بۇ مۇبارەك ھېيتنىڭ شاراپىتى بىلەن بىر - بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ خۇشاللىقلىرىنى بىرگە تەنتەنە قىلىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2009.11.26
Qeshqer-Heytgah-aldida-xitay-eskiri-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، 10 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﻰ، ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎﺭﻻﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ.
AFP Photo

بىر يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىككى ھېيت بولۇپ، بىرى روزا ھېيتى، يەنە بىرى قۇربان ھېيتىدۇر. ھەر ئىككى ھېيتتا ئىككى رەكئەت ھېيت نامىزى ئوقۇش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ۋاجىبتۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇلېتىپ ھاجىمغا قۇربان ھېيت توغرىلىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بىر قانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.

ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلېتىپ ھاجىم مۇنداق دېدى:" قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش ھەم ساۋابلىق ھەم ئېسىل ئەنئەنە بولۇپ، ئۇيغۇرلار مىڭ يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بىرى بۇ ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. قۇربانلىق قىلىش ۋاقتى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلىنىپ ئۈچىنچى كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىدىن ئىبارەت ماللاردۇر. بىر ئۆچكە ياكى بىر قوي بىر ئادەم ئۈچۈن، بىر كالا ياكى بىر تۆگە يەتتە ئادەم ئۈچۈن كۇپايە قىلىدۇ."

ھيېتتىكى ئېسىل ئادەتلەر

ئابدۇلېتىپ ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇرلار ھېيت كۈنلىرىدە ھەر بىر مەھەللە ئەزالىرى بىردىن جامائەت بولغان ھالدا، مەھەللىدىكى پۈتۈن ئائىلىنى بىردىن زىيارەت قىلىپ چىقىدۇ. جامائەت ھەر بىر ئۆيگە كىرگەندە ئىمام ئاخۇنۇم دۇئاغا قول كۆتىرىدۇ، جامائەتمۇ بىرگە دۇئا قىلىپ بولۇپ، داستىخانغا ئېغىز تىگىدۇ، قۇربانلىق گۆشىگە ئالاھىدە ئېغىز تىگىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كىچىك - كىچىك پارچىلاپ پۈتۈن جامائەتكە تارقىتىدۇ، ھەممە جامائەت قۇربانلىق گۆشىگە ئېگىز تىگىدۇ، بۇنى ئۇيغۇرلار ھېيتلاش دەپ ئاتايدۇ."

ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ھېيت خۇشاللىقى

ئابدۇلېتىپ ھاجىم ئۇيغۇرلاردىكى ھېيت خۇشاللىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: " ھېيت كۈنلىرى چوڭلار كىچىكلەرگە ھېيتلىق بېرىدۇ، ماددىي قىممىتى چوڭ بولمىسىمۇ، چوڭقۇر سۆيگۈ - مۇھەببەت ۋە خۇشاللىق ئۈچۈن رەمزى قىلىنغان بۇ ھېيتلىقتىن زور بەخىتكە تولىدۇ ۋە يىلنىڭ ھەممىسى ھېيت بولسىكەن، دەپ خۇشاللىققا چۆمىدۇ. ئۇيغۇرلار يەنە، ھېيت كۈنلىرىدە باشتىن ئاياغ يېڭى ۋە پاكىز كىيىم كىيىشنى ساۋابلىق ئىش قاتارىدىن سانىغانلىقتىن، پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرى يېڭى، پاكىز ۋە چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىشكە زور ئەھمىيەت بېرىدۇ شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى كەمبىغەللەرنىڭ، يېتىملارنىڭ، ياشىنىپ قالغانلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۇن قولىدىن كەلگەن ياخشىلىقلارنى قىلىدۇ، ئۇلارنى زىيارەت قىلىدۇ، ھېيتلىق بېرىدۇ، ياردەم قىلىدۇ، بېشىنى سىلايدۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ھېيت خۇشاللىقىنى ھەممە بىرگە ياشايدۇ."

ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قىلىش ئەنئەنىسى

ئابدۇلېتىپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، قۇربانلىق قىلىشنى ئۇيغۇرلار ناھايىتى مۇھىم ئىش دەپ بىلىدۇ، ئۇلار ھەر ئائىلە بىردىن قوينى قۇربانلىق قىلىدۇ. قۇربانلىق قىلىدىغان ۋاقىتتا بالىلار قوينىڭ بىر تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرلار قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۈچكە بۆلۈپ، بىر بۆلىكىنى مېھمانلارغا، يەنە بىر بۆلىكىنى يېتىم - يېسىرلارغا، يەنە بىر بۆلىكىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئايرىيدۇ. بۇ گۈزەل ئەنئەنە سايىسىدا كەمبىغەللەر، ئۇرۇق - تۇغقانلار ھەممىسى بۇ قۇربانلىق گۆشىدىن نېسىۋىدار بولىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.