ئۇلۇغ ئەدىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىك ناملىق ئەسىرى تۈركىيىدە قايتا نەشر قىلىندى
2006.05.25

ئۇلۇغ شائىر، ئەدىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قۇتادغۇبىلىك ناملىق ئەسىرى تۈركىيىدە قايتا رەتلىنىپ نەشىر قىلىندى. كابالجى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بۇ كىتاپ 1287 بەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، كىتابنىڭ كىرىش قىسمىدا قۇتادغۇبىلىك ۋە تۈركلۈك ھەققىدە مەلۇمات، قاراخانلار خانلىقى ۋە ئۇنىڭ قوشنىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، قەشقەر ھۆكۈمدارى ھەسەن بىن سۇلايمان ھەققىدە مەلۇمات، قاراخانىلار مەزگىلىدە يېزىلغان ئەسەرلەر، يۈسۈپ ھاس ھاجىپ ھەققىدە مەلۇمات، قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئورىگىنالى، قۇتادغۇبىلىكنىڭ بۈگۈنكى نۇسخىسى ھەققىدە، قۇتادغۇبىلىكنىڭ قايتا نەشىر قىلىنىشى قاتارلىق مەلۇماتلارغا يەر بېرىلگەن.
كىتابتا يەنە قۇتادغۇبىلىكنىڭ ترانسكرىپسىيىسى ۋە تۈركچە تەرجىمىسى بېرىلگەن. بۇ كىتاپ كابالجى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىۋاتقان تۈرك كىلاسسىك ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇر.
بىز بۇ ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشى ۋە تۈركىيىدىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى نەشىر قىلغان كابالجى نەشرىياتىنىڭ باش تەھرىرى سەراپ يۇرتەسەر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.