قۇتلۇق قادىر ياپونىيىنىڭ كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىدا مەھمۇد قەشقەرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات بەردى

ياپونىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن قۇتلۇق قادىر 16 - ئۆكتەبىر كۈنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا " مەھمۇد قەشقەرى ۋە تۇنجى ئۇيغۇر دۇنيا خەرىتىسى" ماۋزۇلۇق ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

بۇ پائالىيەتكە 250 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، 90 مىنۇتقا سوزۇلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا ياپونلۇق ئوقۇغۇچىلار، پروفېسسورلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىغان.

قۇتلۇق قادىر ئەپەندى ئۇيغۇر ئېلى ۋە ياپونىيىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە كىتابلار ھەم ماقالىلار ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ياپون تىلىنى سېلىشتۇرۇشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ توختى مۇزاتتىن كېيىن ياپونىيىدە ئىككىنچى قېتىم ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە دوكتورلۇق ھەمدە بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسسىس بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قۇتلۇق قادىر بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ تېلېفون زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.