ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ھەققىدە سۆھبەت

1980 - يىللارنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ كۆپ ساندا ئۇيغۇر ياشلىرى چەتەلگە چىقىپ ئوقۇشقا باشلىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇپ ھەر قايسى ئىلىم ساھەلىرىدە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

بۇلاردىن بىرى در. ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندىدۇر. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن پاكىستانغا چىقىپ ئوقۇغان. كېيىن ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتى تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ماگىستىر ھەم دوكتورلۇق ئوقۇغاندىن كېيىن، ھازىر ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتۈمەكتە.

ئۇنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپ ساندا كىتاب ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ `يىپەك` ناملىق تۇنجى شېئىرى تەڭرىتاغ جۇرنىلىدا 1989 - يىلى ئېلان قىلىنغان. 1996 - يىلى `ھەج سەپىرىدىكى پاراڭلار` ناملىق ئەدەبىي خاتىرىسى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

ئىككىنچى ئەسىرى بولغان ئىنگىلىزچە ئۇيغۇرچە كىتابى 1999 - يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، 2000 - يىلى `ئىنگىلىزچىدىن ئومۇمى چۈشەنچە` دېگەنگە ئوخشاش ئونغا يېقىن ئەسىرى ۋەتەندە نەشىر قىلىنغان. ئۇ 2000 - يىلى تەڭرىتاغ ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

چەتەلگە چىققاندىن كېيىن غەرب ئەدەبىياتى ھەققىدە كۆپ ساندا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ يەنە `شېكسپېر ئەدەبىياتى` ناملىق ئىنگىلىزچە ئەسىرى تۈركىيە سەلەڭگە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا ياپونىيىدىكى جۇرناللاردا كۆپ ساندا ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ھازىر ياپونىيە كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئېنگىلىز ئەدەبىياتى، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى ھەققىدە دەرس بېرىۋاتقان ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى ياپونىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ ئۆز تەتقىقاتلىرىنى ئاڭلاتماقتا.

10 - ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن 26 - كۈنىگىچە ئەنقەرەدە 6 - نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تىل قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى يىغىن جەريانىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ھاجى قۇتلۇق قادىرى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان بۇ سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.