رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى يېڭى خىزمەت باشلىغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تام لانتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئۈستىدە تۇنجى قېتىم چوڭ كۆلەملىك گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئېچىلدى.

0:00 / 0:00

مەزكۇر يىغىنغا، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر خەلقىگە ۋاكالىتەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇھىم دوكلات بەردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى، بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ يىغىننىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىلەر.