رابىيە خانىم پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى 'شاۋگۇەن قانلىق ەقەسى' ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنى سوراققا تارتىشقا چاقىردى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۈگۈن رادىئومىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋاڭ لېچۇەن 'ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرى' دەپ گۇاڭدۇڭغا يۆتكەپ كەتكەن 800 ئۇيغۇر، 6 ‏- ئاينىڭ 26 ‏- كۈنى كېچىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى سۈكۈت قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، مىڭلىغان خىتاي لۈكچەكلىرى تەرىپىدىن ئۇر - ئۇر قىلىنغانلىقىغا قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ۋەھشلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا تەزىيە بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

رابىيە خانىم بۇ ۋەقەنى ۋەھشىي قىلىمىش، بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارايدۇ.

رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، 'شاۋگۇەن ۋەقەسى' ۋاڭ لېچۇەن، نۇر بەكرىلەر دەۋاتقان 'مىللەتلەر ئىتتىپاقى' دېگەن سىياسەتنىڭ جانلىق چۈشەندۈرۈلۇشى.

رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لېچۇەن نىڭ 'ئېشىنچى ئەمگەك كۈچلىرى' دېگەن سىياسىتىگە ئەسلىدىلا بىر يامان نىيەت يوشۇرۇنغان ئىدى، ئۇ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي يۇرتلىرىغا ئاپىرىپ ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. رابىيە خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاينى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان دۆلەت دېگىلى بولمايدۇ.

رابىيە خانىم بۈگۈن پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى بىردەك ھەرىكەتلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سوراققا تارتىشقا، پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى بۇ ۋەقەگە ئارىلىشىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گۇاڭدۇڭ شياۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى باياناتىنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

* * * *

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گۇاڭدۇڭ شياۋگۈەن قانلىق ۋەقەسى ھەققىدىكى باياناتى

شەرقى تۈركىستان ئەسلىدە ئۇيغۇرنىڭ ۋەتىنى بولۇپ، خىتايلار تەرىپىدىن 1949 - يىلى ئىشغال قىلىۋېلىنغان. ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، شەرقى تۈركىستان ئىشلەيمەن دېسە ئىشلەش ئىمكانى بار، ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولغان، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەيۋاتقان بىر جاي.

ئۇيغۇرلارنىڭ 86% دېھقان. ئۇلار خىتاينىڭ ئالۋاڭ ‏ - سېلىقى ۋە مىللىي زۇلۇمى بولمىسا، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان بىر خەلق ئىدى. ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەيران قىلدى، ئاندىن مائارىپ جەھەتتىن ۋەيران قىلدى؛ دىنىي ئېتىقادىنى، ئانا تىلىنى يوق قىلدى. ئۇيغۇرنىڭ پاكىزە، گۈزەل، ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنى يىمىرىپ تاشلىدى. شەرقى تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئەكىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەر - زېمىن، ياشاش ئىمكانلىرىنى تارتىپ ئېلىپ خىتايلارغا بەردى. 1980 ‏ - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە يەر تەقسىم قىلىپ بېرىلمىدى. نەتىجىدە مىليونلىغان يەرسىز، ئىشسىز، ئوقۇشسىز ئۇيغۇر ياشلىرى قوشۇنى بارلىققا كەلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس قارار ئېلىپ، شەرقى تۈركىستاندىكى خىزمەت ئورنى، ئىمتىيازلارنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بەردى. ئۇيغۇرلارنى ئىشسىزلىق، نامراتلىقتىن ئىلاجىسىز خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ، ئەرزان قۇل بولۇشقا ماقۇل دەيدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى. 2006 - يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى، يەنى 14 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان قىزلارنى، ھەتتا يېڭى توي قىلغان ياش ئەر - ئاياللارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئون مىڭلاپ يۆتكەشكە باشلىدى. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ يوقىتىش ۋە مىللىي قىرغىن قىلىش سىياسىتى ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش بىلەن بىللە، پۈتۈن خىتايلارغا ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق بۆلگۈنچى، تېررورچى، ياۋايى مىللەت دەپ تەشۋىقات قىلىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئۇيغۇرغا ياتاق بەرمەيدىغان، ئۇيغۇرلارنى كۆرسە ئۇرۇپ ئۆلتۈرگىسى كېلىدىغان كەيپىيات پەيدا قىلغان ئىدى.

بىر نەچچە قېتىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايلار ئۆلتۈرسە ئۇلارغا ھېچقانداق تەدبىر قوللانماي، خىتايلارنىڭ كاللىسىدا ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرسەك مۇكاپات ئالىمىز دېگەندەك كەيپىيات پەيدا قىلدى.

مۇشۇنداق ئۆچمەنلىك كەيپىياتى ئىچىدە ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭ ئارىسىغا ئۇيغۇرلارنى ئەكىلىپ تاشلاپ بېرىشنىڭ قانداق يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كىلىدىغانلىقى توغرىسىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەكرار ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، بۇ يىل بىشىدا 800 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئەر - ئاياللار گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى شياۋگۈەن ئويۇنچۇق زاۋۇتىغا يۈتكەپ كىلىندى. بۇ زاۋۇتتا 6 مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئىشچى بولۇپ، زاۋۇتقا يۆتكەپ كىلىنگەن ئەر - ئاياللارنىڭ تۇغۇتى چەكلەندى؛ ئەر - ئاياللارنى پۇتۇنلەي ئايرىپ تاشلاپ، ئەرلەرگە ئايرىم، ئاياللارغا ئايرىم قىلىپ ياتاق بېرىلدى. ياش قىز ‏ - ئاياللارنى كەچلىرى خىتاي ئەمەلدارلىرى دەپسەندە قىلىدىغان، ئۇيغۇر ئەخلاقىغا مۇخالىپ ئىشلار بىلەن ئۇلارنى خارلىغان ۋە غۇرۇرىغا تەككەن ئىشلار يۈز بېرىپ تۇردى. زاۋۇتقا كەلگەن ئەر - ئاياللار بۇ ھەقتە بىر نەچچە قېتىم پىكىر قىلغان، نارازىلىق بىلدۇرگەن ۋە قارشىلىق ئەرزى بەرگەن ھەمدە قايتىپ كېتىمىز دېسە قايتىشقا رۇخسەت قىلمىغان ۋە ئەرزىگىمۇ ھېچكىم پەرۋا قىلمىغان.

ئېيتىشلارغا قارىغاندا، شۇ ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى بىر نەچچە قىزلار ئەرلىرى بىلەن بىرگە ئەرز قىلغان؛ ئۇ يەردە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ماجرا چىققان، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى ئەنە شۇنداق باشلانغان.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ، ۋەقە بولغان نەق مەيداندىن قېچىپ قۇتۇلۇپ، ھازىر شاۋگۈەندىكى بىر مېھمانھانىدا پاناھلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر بالىسى بىلەن 7 - ئاينىڭ 2 - كۇنى ئۆتكۇزگەن سوھبىتىدىن قارىغاندا، 2009 - يىلى 6 - ئاينىڭ 26 - كۇنى، شياۋگۈەن شۈرى ئويۇمچۇق زاۋۇتىدىكى ئىشچىلار ۋە سىرتتىن كىرگەنلەر بولۇپ، 10 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي، كەچ سائەت 12 لەردىن 7 گىكە، ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ياتاقلىرىغا بېسىپ كىرىپ، قورالسىز، يۆلەكسىز، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن؛ خىتايلارنىڭ قولىدا تومۇر كالتەكلەر، پالتا، ئۇزۇن پىچاقلار بولۇپ، بۇ قوراللارنىڭ ئۇلارنىڭ قولىدا قانداق قىلىپ بۇنداق تىز پەيدا بولۇپ قالغانلىقى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ئۇندىن سىرت، يوتۇبتىكى ۋە خىتاي تور بەتلىرىدىكى فىلىم (2009 - يىلى 7 - ئاينىڭ 2 - كۇنى قويۇلغان) لاردا، خۇددى يوقىرىقى ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالغان چارىسىز ئۇيغۇر بالىلار بايان قىلغاندەك، نەق مەيداندا 50 تىن ئارتۇق ئۆلگەن ئۇيغۇرنىڭ قان ئىچىدە ياتقان ئەھۋالى كۆرسىتىلگەن.

بۇ 2 بىگۇناھ بالىنىڭ ئېيتىشىچە، 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى؛ 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئېغىر ۋە يىنىك دەرىجىدە يارىدار بولغانلىقى ۋە ھەتتا قىزلارنىڭمۇ رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان.

ھەتتا، گۇاڭدۇڭ شاۋگۈەندىكى ئۇيغۇرلارنى داۋالاۋاتقان مەلۇم دوختۇرخانا خادىمى مۇخبىر تېلېفون قىلغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ يامان ئادەم ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆلۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

دېمەك بۇ ۋەقە ۋە ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىن، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۆمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش ۋەقەلىرىدىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ماھىيەت جەھەتتىن خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئۇيغۇرلارنى خىتاي شەھەرلىرىگە يۆتكەپ، ئۇلارغا ئىش بەردۇق دىگەن باھانىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى ساقچى ۋە ھوكۇمەت ئارقىلىقلا ئەمەس، پۇتۇن خىتاي پۇقرالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن يەردە ئۆلتۈر، ئۇچرىغان يەردە ئۇجۇقتۇر دېگەندەك سەپەرۋەرلىك شەپىسىنى نامايەن قىلغان.

ئەگەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئېيقاندەك، ئۇيغۇر ‏ - خىتاي مۇناسىۋىتى باراۋەرلىك ۋە قانۇنىي يوللار بىلەن بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ دېگەن سەپسەتىسى راست بولسا، نېمە ئۈچۈن خىتاي قاتىل پۇقرالىرى يۆلەكسىز ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ ئۆلتۈرگەندە قول قوشتۇرۇپ چەتتە تۇرىدۇ؟ كېچىلىرى ئۇيقۇ ئىچىدە ھېچ ئىشتىن بىخەۋەر ياتقان ئۇيغۇرلارنى ياتقان يىرىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈدۇ؟ نېمە ئۈچۈن نەق مەيداندا خىتاي ساقچىلىرى ئارىلاشماي قاراپ تۇرىدۇ؟ يۇقىرىقى ئىككى بالىنىڭ ئېيتىشىچە، ساقچىلار ئەمەليەتتە، نەق مەيدانغا تاڭ ئېتىپ، ۋەقە ئاخىرىلىشاي دېگەندە كىلىپ، شۇ يەردە قىپقالغان يارىدار ۋە ئۆلۈك ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ - سوقۇپ تۇتۇپ كېتىشكەن.

خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ بۇ خاراكتېردىكى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش سىياسىتى، بارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋە ھەر خىل ساھەلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا ئومۇميۇزلىك كېلىۋاتىدۇ. خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ مەيلى ئالىي مەكتەپلىرىدە بولسۇن، كوچىلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى بىرەر ئىش ئورنىدا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنى كەمسىتىدىغان. خورلايدىغان، چەتكە قاقىدىغان. ئۇرۇپ ‏ - سوقىدىغان ۋە ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان پاجىئەلىك ۋەقەلەر ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتىدۇ.

دېمەك، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندا سىياسەت ۋە قورال بىلەن باستۇرۇش ئېلىپ بارسا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە خىتاي پۇقرالىرى ۋە ھەتتا خىتاي جىنايەتچىلىرىنىڭ قولى بىلەن باستۇرۇشقا باشلىدى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقى تۈركىستاننى بېسىپ ئالغاندىن كېيىن، 1954 - يىلى خەلق گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارغا مېھماندوس، ئاقكۆڭۈل، سەنئەتكار، تىنچلىقپەرۋەر، راستچىل، پاكىز، موھىتنى ئاسراشقا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان مىللەت، ئۇلار چىرايلىق، تىرىشچان، مەدەنيەتلىك مىللەت دەپ باھا بەرگەن ئىدى.

50 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بولسا، ئۇيغۇرلارنى تېررورچى، بۆلگۈنچى، ياۋايى مىللەت، ئوغرى دېگەنگە ئوخشاش ھاقارەتلىك ۋە تۆھمەتلىك ئىللەتلەر بىلەن ئاتاشقا باشلىدى.

بىز پۇتۇن دۇنياغا مۇراجەت قىلىمىز:

ئۇيغۇرلارنىڭ گۇناھى ئەشۇ گۈزەل، مۇنبەت، باي زېمىننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغانلىقىلا خالاس.

1. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاندىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەمگەك كۈچى نىقابىدا يۆتكەپ كېتىلگەن بارلىق ئۇيغۇرلارنى ھەتتا ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى شەرقى تۇركىستانغا قايتۇرۇپ كىلىشى، ئۇلارنى دەپسەندە قىلىش خاھىشلىرىنى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ توختىتىشى كېرەك.

2. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستانغا يۆتكەپ كەلگەن خىتاي كوچمەنلىرىنى قايتۇرۇپ ئەكىتىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىش - ئىمتىيازىنى ئۆزىگە قايتۇرۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئېلىپ بېرىلگەن زېمىنلىرى قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك.

3. ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى يۇشۇرۇپ، ئاخباراتنى كونترول قىلىپ، ۋەقە ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرمىدى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى قانلىق ۋەقە ھەققىدە دۇنياغا ئاشكارا پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈشى، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى كونترول قىلىشنى توختىتىشى، ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە قارىتىلغان كۈچلۈك نازارىتىنى توختىتىشى ھەمدە دۇنيا خەلقى ئالدىدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

4. خىتاي ھۆكۈمىتى قاتىللارنى ۋە ۋەقەنى كەلتۇرۇپ چىقارغانلارنى ئېنىقلاپ، قاتىللارنى جازاغا تارتىشى كېرەك. ۋەقەدە چەتتە تۇرغان ساقچى ۋە ئامانلىق قوغداش قىسىملىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلۈپ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.

5. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا بىتەرەپ تەشكىلاتلارنىڭ ھەمدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ ۋەقەنى تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەك.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

2009 - يىلى 3 - ئىيۇل

* * * *

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

ئەسكەرتىش: باياناتنى تەھرىرلىگۈچى ئابلىكىم باقى