ئۇيغۇر مىللى ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياۋروپا زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كانادا زىيارىتىنى باشلىدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۆتكەن ئاينىڭ 23 - كۈنى ئامېرىكىدىن ئايرىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى جەنۋەدە ئېچىلغان خەلقئارالىق ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئالى يىغىنىغا قاتنىشىپ، مەزكۇر يىغىنلاردا مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

رابىيە قادىر خانىم يەنە ياۋروپادىكى زىيارىتى داۋامىدا مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ پىلان لايىھىلىرى ئۈستىدە تەشكىلاتتىكى بارلىق خادىملار بىلەن مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولۇپ، 10 - مارت كۈنى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن رابىيە خانىم يەنە 12 - مارت كۈنى كانادادا ئۆتكۈزۈلىدىغان فىلىم فېستىۋالىغان قاتنىشىدىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.